پىرئەۋننى ئۆلتۈرگەن شاھزادىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

مىسىردا نىل دەرياسىنىڭ غەربىدە 1886 – يىلى بايقالغان ۋە كۆرىنىشىگە قاراپ، «جار سېلىۋاتقان موميا» دەپ ئىسىم قويۇلغان موميانىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى.

پىرئەۋننى ئۆلتۈرگەن شاھزادىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېن تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە موميانىڭ مىسىر پىرئەۋنى 3 – رامسېسنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. 

تەتقىقاتچىلار موميانىڭ 3 – رامسېسنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بويلىغان ھالدا، شاھزادە پېنتاۋەرە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل ئىلگىرى شاھزادە پېنتاۋەرە ئانىسى نىيە بىلەن بىرلىكتە دادىسى 3 – رامسېسقا سۇيىقەست قىلغان ئىدى.

رامسېسنىڭ 2 - ئايالى بولغان نىيە تەختكە 3 – رامسېسنىڭ يەنە بىر ئايالىدىن بولغان ئوغلى ئامۇن ھېر خېلېپېشېفنى ئەمەس، ئۆز ئوغلى پېنتاۋەرەنى چىقىرىشىنى خالايتتى. 

باشقا خانىدانلىق ئەزالىرىنىڭ موميالىرى ئاق رەختكە ئورالغان بولۇپ، ئەمما «جار سېلىۋاتقان موميا»نىڭلا قوي تېرىسىگە ئورالغان بولۇشىنى مۇتەخەسىسلەر پاك ئەمەسلىكنىڭ ئاشارىتى دەپ ئىزاھلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «جار سېلىۋاتقان موميا» باشقا خانىدانلىق ئەزالىرىغا سېلىشتۇرغاندا تەرتىپسىز بىر شەكىلدە موميالانغان ئىدى. 

«جار سېلىۋاتقان موميا» ئىلگىرى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارالغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە بوينىدىكى ئىزلار ئۇنىڭ دارغا ئسىلغانلىقىنى كۈچلەندۈرۈپ بەرمەكتە.

3 – رامسېسنى سۈيىقەت بىلەن ئۆلتۈرگەن خانىش نىيە ئوغلى پېنتاپەرە ۋە سۇيىقەستكە قاتناشقان باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. 

يۇقىرى بۇ پاكىتلارنىڭ ھەممىسى «جار سېلىۋاتقان موميا»نىڭ شاھزادە پېنتاۋەرە ئىكەنلىكىگە بولغان قاراشنى كۈچەيتىپ بەردى.

3 – رامسېس مىسىرغا مىلادىدىن ئىلگىرى 1186 – يىلىدىن 1155 بىلغىچە ھۆكۈمرانلىق ئىدى.

3 – رامسېسنىڭ مومياسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە پىرئەۋن 3 – رامسېسنىڭ بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايقالغان ئىدى.

پىرئەۋن 3 – راسمسېسقا بىرلا چاغدا بىر قانچىلىغا كىشى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر