قۇرئانغا چىڭ يېپىشقانلارنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە داخىل قىلىدۇ

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئانغا) چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە (يەنى جەننىتىگە) داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ.

قۇرئانغا چىڭ يېپىشقانلارنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە داخىل قىلىدۇ

قۇرئانغا چىڭ يېپىشقانلارنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە داخىل قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىسا سۈرىسى، 174 – 176 – ئايەتلەر.  ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (شانلىق مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت) ئوچۇق دەلىل كەلدى، سىلەرگە روشەن نۇرنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق[174]. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭغا (يەنى قۇرئانغا) چىڭ يېپىشقانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە (يەنى جەننىتىگە) داخىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدۇ[175]. (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ئاتا ـ ئانىسى، بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق) پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئاتا ـ ئانىسى، بالىسى يوق كىشى (قالدۇرغان مىراس) توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ تەرەكىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ (يەنى مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ)، ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار تەرەكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىنى ئالىدۇ، ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ، ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[176].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر