ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن

ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.

ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن

ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىسا سۈرىسى، 106 – 113 - ئايەتلەر. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[106]. (گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ[107]. ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، ئاللاھتىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر[108]. سىلەر شۇنداق كىشىلەر سىلەركى، ھاياتىي دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى ئوغرى ۋە خائىنلارنىڭ) تەرىپىنى ئالدىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئاللاھقا قارشى ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ؟ (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىنى كىم ئۇلاردىن دەپئى قىلىدۇ؟) ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولىدۇ؟[109] كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ[110]. كىمكى (قەستەن) بىرەر گۇناھ قىلسا، ئۇنى ئۆزىنىڭ زىيىنىغا قىلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ۋابالىنى ئۆزى تارتىدۇ). ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[111]. كىمكى بىر كىچىك گۇناھ ياكى بىر چوڭ گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ[112]. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشنى قەستلەيتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر[113].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر