دۇنيا بويىچە ئىستىقبالى پارلاق 60 پۇتبولچى

ياش ۋاراتا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

دۇنيا بويىچە ئىستىقبالى پارلاق 60 پۇتبولچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان  «‹ The Guardian› گېزىتى»، ئالتىنئوردۇ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 17 ياشلىق مىللىي ۋاراتارى بەركە ئۆزەرنىڭ «دۇنيا بويىچە ئىستىقبارلى پارلاق 60 پۇتبولچى» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دۇنياغا داڭلق گېزىتنىڭ «دۇنيا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 60 ياش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنداق دېيىلدى:

 تىزىملىكتىن تۈركىيەدىن پەقەت ۋاراتا بەركەنىڭلا ئورۇن ئېلىشى ئالتىنئوردۇ پۇتبول كۇلۇبىنى چەكسىز ھاياجانغا چۆمدۈردى.

Manchester City، Roma، Inter، Milan، Real Madrid، Liverpool، Ajax، Chelsea، Bayern، Münih، Borussia Dortmund، Barcelona  قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق كوماندىلاردا فورما كىيگەن ۋە 2000 – يىلى تۇغۇلغان پۇتبولچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بەركە ئالتىنئوردۇ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر سىتى كۇلۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپادىكى داڭلىق كۆپلىگەن پۇتبول كۇلۇبلىرى بەركە ئۆزەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر