ئىككى ئايدا 817 مىڭ كىشىلىك ئىش پۇرسىتى يارىتىلدى

تۈركىيەدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا  817 مىڭ كىشىلىك ئىش پۇرسىتى يارىتىلدى.

ئىككى ئايدا 817 مىڭ كىشىلىك ئىش پۇرسىتى يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 – گ گۇرۇھى بىلەن  ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىي مۆلچەرلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئىقتىسادىي بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە %5 زورايغان تۈركىيە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فېۋرالدىكى <ئىش پۇرسىتى يارىتىش چاقىرىقى> نىڭ روھىي ۋە تەسىرى بىلەن بۇ يىل فېۋرالدا 284مىڭ كىشىلىك ئىش پۇرسىتى ياراتقان بولسا، مارتتا بۇ سان 533مىڭغا يەتتى.

شۇنداق قىلىپ ئىككى ئاي ئىچىدە جەمئىي 817 مىڭ يېڭى ئىش پۇرسىتى يارىتىلغان بولدى. مارتتا كۈندە ئوتتۇرىچە  17192 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى.

 تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يانۋاردا %13 غا چىققان، بىراق فېۋرال ئېيىغا كەلگەندە %12.6تۆۋەنلىگەن ئىشسىزلىك نىسبىتى، مارتتا %11.7گە تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر