ئىراندا تاشقى پېرېۋوت سودىسى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەندى

ئىران ھۆكۈمىتى رىيالنىڭ تاشقى پېرېۋوت ئالدىدىكى قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تاشقى پىرۇۋۇت سودىسىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىدى.

ئىراندا تاشقى پېرېۋوت سودىسى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا بانكىچىلىق سىستېمىسىدىن باشقا ئورۇنلاردا تاشقى پىرۇۋۇت سودىسى چەكلەندى.

ئىراندىكى « eghtesadonline »ناملىق تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئىران مەركەز بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەييىد ئەھمەد ئاراقچى ئىراندا بانكىلاردىن سىرت باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ تاشقى پېرېۋوت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ چەكلىمىنىڭ ئىراندا بازار مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئاراقچى، بۇ چەكلىمىنىڭ يەنە ئىران ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە، مەبلەغلەرنىڭ تېز ئايلىنىشىغا ۋە ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.  

ئاراقچى 10مىڭ ياۋرو ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشقى پېرېۋوتلىرى بار كىشىلەرنىڭ پۇللىرىنى چوقۇم بانكىدا ساقلاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ئىراندا نۇرغۇن سودىگەر سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ پۇلىنى ئىقتىسادىي ئېمبارگو، دۆلەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاستا خىزمەت  قىلىشى ۋە رەسمىيەتلەرنىڭ تېز ھەل بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن نازارەتسىز يوللار ئارقىلىق تۆلەپ كېلىۋاتقانىدى.

ئىران ھۆكۈمىتى رىيالنىڭ تاشقى پېرېۋوت ئالدىدىكى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەركىن بازاردا 1 دوللار 6000 تۇمەن بولىۋاتقان ئىران رىيالىنىڭ قىممىتىنى 4500 دوللار سەۋىيەسىدە توختىتىپ رىيالنىڭ قىممىتىنى مۇقىملاشتۇردى.  


خەتكۈچ: پېرېۋوت , ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر