ئامېرىكا رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككىي ھالېي بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ياساپ ساقلىشىغا ياردەم قىلغان رۇسىيە شىركەتلىرىگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككىي ھالېي «CBS» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ياسىشىغا ۋە ساقلىشىغا ياردەم قىلغان شىركەتلەرگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىدۇ. مالىيە مىنىستىرى ماچچىن بۈگۈن (16-ئاپرېل) يېڭى ئېمبارگولارنى ئېلان قىلىدۇ. ئېمبارگولار بىۋاستە بەششار ئەسەد ۋە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشكە چېتىلغان شىركەتلەرگە يۈرگۈزۈلىدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلادا مادۇرو ھۆكۈمىتىنى، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ ۋە ھەمكارلىشىپ، «خاتا ئاكتىيورلار» بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى؛ رۇسىيەنىڭ «ھېچقانداق ياخشى دوستى» نىڭ قالمىغانلىقىنى ۋە «يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ رۇسىيەگە زىيانلىق بولۇۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر