سېلىنما مۇھىتى ئىسلاھات پىلانى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «سېلىنما مۇھىتى ئىسلاھات پىلانى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

سېلىنما مۇھىتى ئىسلاھات پىلانى

سېلىنما مۇھىتى ئىسلاھات پىلانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە، ئۆزى جايلاشقان رايوندىكى ئىمكانىيەتلىرى سايىسىدا، مەبلەغ سالغۇچىلارغا مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرمەكتە. بۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىش ۋە سېلىنمىغا كېرەكلىك بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي بوشلۇقنى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئارقىلىق تولۇقلاش ئۈچۈن، سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاش ناھايىتى مۇھىم. سېلىنما مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن، تۈركىيە ھەم چەت ئەلدىن بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىسىنى جەلپ قىلىدۇ ھەم كىرېدىت كۆرسەتكۈچىنىڭ مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان نۇقتىغا چىقىرىلىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ.

دۆلەتلەرنىڭ بىۋاسىتە چەت ئەل سەرمايىسى جەلپ قىلىش ئىمكانىيىتى، تەرەققىي قىلىش دەرىجىسىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادلىرى بۇ مەنىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگىدەك كۆرۈنسىمۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ بىۋاسىتە چەت ئەل سەرمايىسى جەلپ قىلىش جەھەتتە تولىمۇ جەزبىدار نۇقتىلىرى بار.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ يېقىنقى 15 يىلدا بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىلىرىنى جەلپ قىلىشتا ئۇتۇقلۇق قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى نامايان بولماقتا. تۈركىيە 1950 – 2001 – يىللار ئارىسىدىكى 50 يىللىق مۇساپىدە جەمئىي 15 مىليارد 100 مىليون دوللار بىۋاسىتە چەت ئەل سەرمايىسى جەلپ قىلغان بولسا، 2002 – 2017 – يىللىرى ئارىسىدا بۇ سەرمايىنى 12 ھەسسە ئاشۇرۇپ، 191 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتكۈزدى. يېقىنقى 15 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۇتۇقنى سىجىللىققا ئىگە قىلىش ۋە چەت ئەل سەرمايىسىنى تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە يېڭى بىر ئىسلاھات پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۈركىيەدىكى سېلىنما مۇھىتىنى ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان نۇقتىغا يەتكۈزۈشى كۈتۈلۈۋاتقان بۇ پىلان، سېلىنما ئىمكانىيىتىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ يولىنى داغداملاشتۇرىدۇ.

بىر دۆلەتنىڭ سېلىنما جەلپ قىلالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئۇ دۆلەتنىڭ سېلىنما مۇھىتىنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىدۇر. مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن، جەلپكار پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن دۆلەتلەر، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارارلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى تاللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

دەل مۇشۇ مەقسەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات پىلانى، دۇنيا ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى مەبلەغ سېلىشقا ۋە رىقابەت مۇھىتىغا ئىگە ياكى ئەمەسلىك نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغان دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىش قىلىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا تەييارلاندى. نىشان، تۈركىيەنىڭ ئىش قىلىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىنىڭ 60 – رېتىدىكى ئورنىنى دەسلەپكى 20 نىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت.

بىر دۆلەتنىڭ سېلىنما مۇھىتىنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىگە قارار قىلىشقا ھەمدەم بولىدىغان بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ ئالدىنقى رەتتىكى 20 دۆلىتىنىڭ ئارىسىغا كىرىش، تۈركىيەنىڭ بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىسىنى جەلپ قىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئېشىشقا سەۋەب بولىدۇ ۋە خەلقئارا سېلىنما ساھەسىدە تېخىمۇ رىقابەتچى بىر دۆلەتكە ئايلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى رەجەپ ئاقداغنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاش كوردىناتسىيە ئورگىنىنىڭ بۇ ئىسلاھات پىلانىنى تەييارلاش خىزمىتىگە دۇنيا بانكىسى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، 5 ئايغا يېقىن داۋاملاشقان تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ ئىسلاھات پىلانىغا تۈركىيە سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ، دۆلەت ئورگانلىرىمۇ كۈچلۈك تۆھپە قوشتى.

تۈركىيەدىكى سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاشنى ۋە سېلىنمىلارنىڭ ئالدىدىكى توسۇقلارنى ئېلىپ تاشلاشنى نىشان قىلغان بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ، مەسىلىنىڭ بىۋاسىتە تەرەپلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ئۈنۈمىنىڭ چوقۇم ياخشى بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارەتچىسىدۇر.

بۇ ئىسلاھات پىلانى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ شۇنداق بىر نەزەر تاشلىنىدىغان بولسا، ئالدى بىلەن سودا ئارخىپى مۇدىرلىقلىرىنىڭ بىرلا ئىشخانىغا ئايلاندۇرۇلۇشى بىلەن، شىركەت قۇرۇشنىڭ ناھايىتى ئاسانلىشىدىغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. نۆۋەتتە بىر شىركەتنى قۇرۇپ چىقىش يەتتە ئايرىم باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە بولسا، بۇ باسقۇچىلارنىڭ پەقەت بىرلا نۇقتىغا يىغىنچاقلىنىشى پىلانلانماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا ساھەدە بىز ناھايىتى ئارقىدا قېلىۋاتقان ۋەيران بولغان شىركەتلەرگە ئالاقىدار خىزمەتلەرگىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ. ۋەيران بولۇشنى كېچىكتۈرۈش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى قۇتقۇزۇش كېلىشىمى ئىگىلەيدۇ. سۇيىئىستېمال قىلىشقا تولىمۇ ئۇيغۇن ھالەتتىكى ۋەيران بولۇشنى كېچىكتۈرۈشتىكى 7 – 8 يىلغىچە ئۇزىراپ كېتىدىغان جەرياننىڭ 23 ئايغا قىسقارتىلىشى شۈبھىسىزكى تېخىمۇ مۇۋاپىق بىر مۇساپىنى بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ.

ئىسلاھات پىلانىدىكى يەنە بىر نۇقتا، قۇرۇلۇش ئىجازىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن بولغان مەزكۇر ئىجازەتلەرنى ئېلىش مۇساپىسىدە بېسىپ ئۆتۈلىدىغان 18 باسقۇچنىڭ 12 سى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تەۋە ئىدى. بۇ 12 ئىجازەت 5 كە، جەمئىي 18 باسقۇچلۇق ئىجازەت ئېلىش مۇساپىسى 6 گە قىسقارتىلغان بولدى. بۇ يەردىكى مەقسەتنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى راھەتلىتىپ، ئۇلارغا ئاسان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇلار مەزكۇر ئىسلاھات پىلانىنىڭ پەقەت ئاساسلىق نۇقتىلىرىدىنلا ئىبارەت. 93 ماددىلىق بۇ پىلان يەنە نۇرغۇن تەپسىلات ۋە تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، بۇ ئىسلاھاتلار ھەممىدىن ئاۋۋال تۈركىيەدىكى سېلىنما مۇھىتى ئالدىدىكى توسۇقلارنى ئېلىپ تاشلايدۇ، ئارقىدىن بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ ئېشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. خۇلاسىلىگەندە، تۈركىيەنىڭ سېلىنما ئوبرازىغا ئىجابىي كۈچ قوشىدۇ. دۆلەتنىڭ كىرېدىت كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ۋە سېلىنما سېلىشقا بولىدىغان نۇقتىغا چىقىرىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

يۇقىرىدا «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلايدىغان ئىسلاھات پىلانى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر