تۈركىيە بىرازىلىيەگە تېببىي ئۈسكۈنىلەر ياردەم قىلدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدىكى بالىلار راك كېسەللىكى ئىنىستىتۇتىغا تېببىي ئۈسكۈنىلەر ياردەم قىلدى.

تۈركىيە بىرازىلىيەگە تېببىي ئۈسكۈنىلەر ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېببىي ئۈسكۈنىلەر ئىنىستىتۇتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئارقىلىق تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

تۈركىيەنىڭ سان پاۋلو باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بېرىلگەن ياردەم تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن بىرازىلىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇنجى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم لايىھەسى بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىنىستىتۇت ساقايماس ياكى ئېغىر راك ۋە قان كېسىلىگە  گىرىپتار  بولۇپ قالغان بالىلارغا داۋالىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر