تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ساغلام

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى پۇختا، ئاساسى ساغلام.

تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ساغلام

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:

مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك بىلەن ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋىزا كىرىزىسىدىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىلىرىدە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىمشەك باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەرنى باشتىن كەچۈردى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر تەرەپ قىلدى. بۇمۇ ئىقتىسادىي  قۇرۇلمىمىزنىڭ پۇختا، ئاساسىنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە، شۇنچە كۆپ سۇيىقەستلىك پىلانلار ھەم ئويۇنلارغا قارىماي ئىزچىل تەرەققىي قىلىشىمىزمۇ، بۇنىڭ شۇنداقلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ماكرو ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىكى مۇقىملىقىمىزنىڭ ئىزچىل ساقلاپ قالىمىز.»

زەيبەكچى مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمىز ساغلام، شۇڭا تەرەققىياتىمىزىمىز ھەرگىزمۇ ئىغۋاگەرلەرچە سۇيىقەستلىك پىلانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭ شۇنداقلىقى كۆپ قېتىم ئىسپاتلاندى. تۈركىيە ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنى مۇۋەپپەقىيەت دېڭىزىغا چۆمدۈرۈۋېتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر