ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى قىرىم ۋە سىۋاستوپولنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان رۇسىيەگە قارشى يولغا قويغان ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگولارنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ قىرىم بىلەن سىۋاستوپولنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېمبارگولارنى 2018-يىلى 23-ئىيۇنغىچە ئۇزاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. كېڭەشنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مۇددىتى ئۇزارتىلغان ئېمبارگولار ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ قىرىم بىلەن سىۋاستوپول رايونلىرىدىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتىتپاقىغا قىرىم بىلەن سىۋاستوپولدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىشقا يول قويۇلمايدىكەن. ھېچقانداق ياۋروپا ئىتىتپاقى پۇقراسى ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركىتى قىرىم بىلەن سىۋاستوپولدىن ئۆي-زېمىن سېتىۋالالمايدىكەن. بۇ رايوندىكى شىركەتلەرگە پۇل-مۇئامىلە جەھەتتە ياردەم قىلىنمايدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يولۇچى پاراخوتلىرى قىرىم بىلەن سىۋاستوپولدىكى پورتلاردا جىددىي بولمىغان ئەھۋاللاردا توختىيالمايدىكەن.

قىرىم رايونىدا قاتناش، تېلېكوم ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان مال، ھەمدە بەزى تېخنىكىلار ئېكسپورت قىلىنمايدىكەن. بولۇپمۇ، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كانچىلىق ساھەسىدە قېدىرىش، ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلەنگەندىن باشقا، بۇ ساھەلەرگە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىش، قۇرۇلۇش ۋە ئىنژېنېرلىق نۇقتىسىدىنمۇ ياردەم قىلىش چەكلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر