قاتار- ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىلىۋاتامدۇ؟

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «قاتار- ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىلىۋاتامدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

قاتار- ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىلىۋاتامدۇ؟

قاتار: ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىلىۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئوتتۇرا شەرقتە يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان پەرقلىق بىر خىل ھەرىكەتلىنىش بولۇۋاتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، يەمەن، لىۋىيە ۋە بەھرەين قاتارلىق بەش دۆلەت 5 – ئىيۇندىن باشلاپ قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى توختىتىشنى قارار قىلدى. بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئېغىر بىر كىرىزىسنىڭ بىشارەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن؛ چۈنكى، بۇ قارارنىڭ تەسىر دائىرىسى پارس قولتۇقى ئەللىرىنىڭ سىرتىغىچە كېڭەيدى. بۇ 6 دۆلەتنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر بىر – بىرلەپ قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىدى؛ ئىيوردانىيە مۇناسىۋەتلەرنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى، سېنېگال بىلەن مولداۋىيەمۇ مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ماراكەش، دوھاغا قاتنايدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىسرائىلىيە بولسا، قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارغا يۇقىرى باھا بەرمەكتە. قاتار كۈنسېرى يېڭى بېسىملارغا ئۇچرىماقتا. قاتار نېمىشقا نىشانغا ئېلىندى؟ قاتارغا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئەللەر قانداق بولۇپ بۇنداق تېز بىر يەرگە جەم بولالىدى؟ يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ سەۋەبلىرى نېمە ۋە قانچىلىك ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن؟ قاتارنى ۋاسىتە قىلىپ رايون قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلۈۋاتامدۇ؟  قاتارنىڭ نېمىشقا نىشانغا ئېلىنغانلىقىغا جاۋاب بېرەلىسەك، يۇقىرىدىكى سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەرگەن بولىمىز.

 

قاتار نېمىشقا نىشانغا ئېلىندى؟

 

قاتار بولۇپمۇ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئىلكىدىكى كاربون ھىدرىد زاپىسى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىگە سالغان زور مىقداردىكى مەبلەغلىرى بىلەن ئىقتىسادىنى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى ۋە رايونىدا بىر سىياسىي كۈچ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي ساھەدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سىياسىي ساھەدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە قارايدىغان بولساق، قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىسىدىكى رىقابەت تېمىسى پەقەت سىياسەتلا ئەمەس؛ ئىككى دۆلەت يېقىنقى يىللاردا باھاسى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان نېفىت باھاسى يۈزىسىدىن ئاللىقاچان قارىمۇقارشى ھالغا كېلىپ بولغانىدى. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاساسلىقى نېفىت كىرىمىگە تايىنىدىغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىسى ۋە ئېكسپورت قىلغۇچىسى ھېسابلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان، تۆۋەنلەپ كەتكەن نېفىت باھاسى يۈزىسىدىن دۇچار بولغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ھەم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە يەر كۆلىمى جەھەتتىن ئەڭ كىچىك دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، ھەم ئۆزىمۇ ئەزا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى – ئوپېكنىڭ ئەزاسى قاتارنى ئۆزىگە نىشان قىلىپ تاللىدى. چۈنكى، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ چاپتىكەش، قۇلىقى قاتتىق پەرزەنتى، دەپ قارىلىۋاتقان قاتارنىڭ قارشى چىقىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەنپەئەتلىرىگە تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى.

بۇ نۇقتىدا، قاتار ئىگە بولغان ئېنېرگىيە زاپىسى توغرىسىدا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قاتار، رۇسىيە ۋە ئىراندىن قالسا دۇنيانىڭ ئۈچىنچى چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە دۆلىتى. تىزىملىكتە قاتاردىن قالسا، ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئورۇن ئالىدۇ. نۆۋەتتە 24 مىليارد 530 مىليون مېتىر كۇب تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە قاتارنىڭ نوپۇسى 2 يېرىم مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گازىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېكسپورت قىلالايدۇ. يېقىنقى 20 يىل ئىچىدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازنى مەركەز قىلغان سېلىنمىلىرى ۋە بۇ سېلىنما ياراتقان زور مىقداردىكى ئىشلەپچىقىرىش سايىسىدا قاتار، دۇنيانىڭ 4 – چوڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغۇچىسى ۋە 2006 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورتچىسى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز بازىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئورنىدىكى قاتارنىڭ، ئوخشاش ۋاقىتتا دۇنيانىڭ 8 – چوڭ نېفىت ئېكسپورتچىسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك.

قاتار ئېكسپورتلىرى سايىسىدا دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى... قاتارنىڭ تۇرۇبا لىنىيەلىرىگىلا قاراپ قالماي، قولىدىكى پاراخوتلارنى ئىشقا سېلىپ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشى، جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتە ئۆزىگە دېگەندەك يېقىن بولمىغان دۆلەتلەر بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا ۋاسىتە بولدى. بۇمۇ رايونىدىكى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تاشقاتما يېقىلغۇسى ئېكسپورتچىسى دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى.

ئىلكىدىكى «ئەلجەزىرە مېدىيا گۇرۇپپىسى» ئارقىلىق خەلقئارا مۇنبەرلەردە كۆپلەپ كۆرۈنىدىغان بولۇشىغا ئىقتىسادى كۈچىنىڭ ئىلاۋە قىلىنىشى دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھەدە كۈچلۈك بىر ئاكتىيور بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن، رايوننىڭ ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە بىلەن بولغان يېقىنلىقى، قۇرۇلۇشتىن ئېنېرگىيەگىچە كۆپلىگەن ساھەدىكى ھەمكارلىقلىرى ۋە قاتارنىڭ تۈركىيەگە سالغان زور مىقداردىكى مەبلەغلىرى كۆپلىگەن پارس قولتۇقى دۆلىتىدە مەمنۇنىيەتسىزلىك پەيدا قىلدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، قاتارغا قىلىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىۋالالايمىز. بۇ سەۋەبتىن شۇنى دېيىشىمىز مۇمكىنكى، رايوندا يۈز بېرىۋاتقىنى يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس، دۇنياۋى كۈچلەر، رايوندىكى دۆلەتلەردىن پايدىلىنىپ قاتارنىڭ ئورنىتىش ئېھتىمالى بولغان رايون خاراكتېرلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزلىمەكتە. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دۇنياۋى كۈچلەر يېڭى تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كونا تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى كۆزلىمەكتە؛ يەنى بۈگۈن قاتارنى، ئەتە باشقا بىرىنى... ئىشقىلىپ تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە دۆلەتلەرنى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئۇلارنىڭ نىشانىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر