ئەردوغان ترامپ ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە بىر قانچە دۆلەتنى پىرېزىدېنتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆرۈشتى.

ئەردوغان ترامپ ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 73 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئەردوغاننىڭ ئومۇمىي كېڭەشتە سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى ترامپ بىلەن قىسقىغىنا سۆھبەتلەشكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئەردوغان، ئومۇمىي كېڭەشتە سۆز قىلغاندىن كېيىن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، سلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاخور، موزامبىك پىرېزىدېنتى فىلىپ جاكىنتو نايۇسى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ۋە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس قاتارلىقلار بىلەن يېپىق ھالەتتە ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر