ئەردوغان نيۇ يوركتىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەدە بىخەتەر رايونلارنى كۆپەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان نيۇ يوركتىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 23:00 ئەتراپىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، تۈركىيە – ئامېرىكا مىللىي يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى ۋە تۈرك ۋە مۇسۇلمان توپلۇقلارغا خىتاب قىلدى.

دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن كىرىزىستىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ 260 مىڭىنىڭ ۋەتىنىگە قايتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «ئاخىرقى قېتىملىق ئىدلىب كىرىزىسىدىكىگە ئوخشاش بىرمۇ پۇقراغا زىيان يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دىپلوماتىك ساھەدە كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. بۇ تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ ھوسۇلىنى ئېلىشنىمۇ باشلىدۇق» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىنشائاللاھ ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە فىرات (دەرياسى) نىڭ شەرقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە سۇرىيە ئىچىدىكى بىخەتەر رايونلارنى كۆپەيتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. دۆلىتىمىزگە قارشى تېررورلۇق تەھدىتى تۈگىگۈچە، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىگە يامان غەرەز بىلەن يېقىنلىشىۋاتقان شايكىلارنىڭ يىلتىزى قومۇرۇپ تاشلانغۇچە كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئارقىدىن «تۇنجى قىبلىمىز قۇدۇسنى، ئىشغالچىلارنىڭ ۋە پەلەستىنلىكلەرگە دۆلەت تېررورى يۈرگۈزۈۋاتقانلارنىڭ ئىختىراسلىرىغا تاشلاپ قويمايمىز. ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قۇدۇسنىڭ ئىززەت – ئابرۇيىنى ئاياق – ئاستى قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرىشىمىزنى دىپلوماتىيە ساھەسىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئېلىپ بارىمىز» دېگەن سۆزلىرى بىلەن پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «بارلىق بۇ مەسىلىلەرنىڭ چىقماس يولغا كىرىپ قېلىشىدا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئوخشاش دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنىڭ كاپالەتچىسى بولغان ئورگانلارنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمىز. بۇ ئورگانلار قۇرۇلمىسىنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دۇنيانىڭ تىنچلىقىدىنمۇ بەكرەك مۇئەييەن كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، «مەزھەپ ياكى ئېتنىك جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلىرىمىزغا توقۇنۇش ياكى ئۈستۈنلۈك تالىشىشنىڭ ۋاسىتىسى ئەمەس، ئۈممەتنىڭ رەڭدارلىقىنىڭ، بايلىقىنىڭ سىمۋوللىرى، دەپ قارايمىز. باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى چەتكە قاقماستىن، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئەتراپىدا ئۇچرىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز» دېدى.

ئەردوغان، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە سىياسەتكە ۋە ئالدىمىزدىكى سايلاملارغا بولغان قىزىقىشىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، «(نويابىر ئېيىدىكى) سايلام نەتىجىسىدە - ئىنشائاللاھ - ناھايىتى كۆپ قېرىندىشىمىزنى ۋەكىللىك ۋە قارار چىقىرىش ئورۇنلىرىدا كۆرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئەردوغان ئارقىدىن «تۈركەن ۋاقفى ئەنئەنىۋى تونۇتۇش زىياپىتى» گە  ئىشتىراك قىلىپ، تۈركەننىڭ پەقەت تۈركىيەدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكادېمىك، ئىجتىمائىي ۋە ئىلمىي خىزمەتلىرىگە ھەسسە قوشۇش بىلەنلا قالماي، تۈرك – ئامېرىكا ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇنبەت بىر مۇنبەر بولۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 ئەردوغان، بۇ يەردىكى سۆزىدىمۇ ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ قېرىنداش جېدەللىرى ۋە ئىچكى توقۇنۇشلار ئارقىلىق كۈنتەرتىپكە كېلىشىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ، ھەقىقەتەنمۇ قىيىن كۈنلەرنىڭ باشتىن كەچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ھەركۈنى گۇۋاھ بولۇپ تۇرغان ئىشلىرىمىز ئالدىدا ھەم ئىنسانلىقىمىز، ھەم قېرىنداشلىقىمىز سىنالماقتا. ئەسىرلەر بويىچە ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم، ئېرپان ۋە ھېكمەت مەركىزى بولغان قەدىمىي شەھەرلەر ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈندە قان ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن خاتىرىلەنمەكتە. ئەسىرلەر بويىچە ئىلىم ئاشىقلىرىنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلگەن مەشھۇر مۇسۇل كۇتۇپخانىسى ، ئىشغالچىلارنىڭ قولىدا گويا بىر خارابىلىككە ئايلاندى. باغداد كۇتۇپخانىسىنىڭ ھەر بىرى بىر خەزىنىگە تەڭداش مىڭلارچە نادىر كىتابى يا يوقىتىپ تاشلاندى ياكى ئوغرىلىنىپ چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلدى. نۆۋەتتە ھەلەبنىڭ، دەمەشقنىڭ، ھامانىڭ، ترابلۇسنىڭ، سەنئانىڭ توقۇنۇشلار بىلەن كۈنتەرتىپكە كېلىشى نەقەدەر ئازابلىق!...»

«تۈركىيەنىڭ دائېش ۋە پ ك ك تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان يوللۇق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش يامغۇرىغا تۇتقانلار، دۆلەت تېررورى يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىمىيەت ۋە تۈزۈملەرگە قارشى ھېچبىر قەدەم تاشلىمايۋاتىدۇ» دېگەن ئەردوغان، «قوللىرىغا كەلتۈرۈشكەن ھەر بىر پۇرسەتتىن دۆلىتىمىزنى ئەيىبلەش ئۈچۈن پايدىلانغانلار، نۆۋەت ئىسرائىلىيەگە كەلگەندە، ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان جىنايەتلەرگە كەلگەندە، ئەپسۇسكى پۈتكۈل سەزگۈرلۈكلىرىنى ئىشكاپقا سېلىپ قويۇشىۋاتىدۇ» دېدى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر بىپەرۋالىققا يېقىنقى 7 يىلدىن بۇيان سۈرىيەدە گۇۋاھ بولۇنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇشلار توغرىسىدا ئېغىزلىرىنى ئاچقىنىدا پەقەت خىمىيەلىك قوراللار توغرىسىدىلا توختالغانلىقلىرىنى، پەقەت خىمىيەلىك قوراللارغا قارشى پوزىتسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى  ۋە «خىمىيەلىك قوراللار بىلەن قانچە ئادەم ئۆلدى؟ يۈز، ئىككى يۈز، ئۈچ يۈز، بەش يۈز، مىڭ، ئىككى مىڭ، بەش مىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرىسىلەر. ئەمما ئادەتتىكى قوراللار بىلەن قانچىلىك ئادەم ئۆلدى؟ يۈز مىڭلارچە. يۈز مىڭلارچە ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن بىر رايوندا، ئادەتتىكى قوراللارغا قارشى دۇنيانىڭ بىر نەرسە دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر