ئەردوغان «كوممېرسانت» نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق شەرت – شارائىت ئاستىدا چېگرانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە تېررورغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان «كوممېرسانت» نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رۇسىيەنىڭ كوممېرسانت گېزىتىنىڭ زىياىتىنى قوبۇل قىلىپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا توختىلىپ، «رۇسىيەنىڭمۇ، تۈركىيەنىڭ پ ك ك، پ ي د / ي پ گ ۋە د س گ غا ئوخشاش بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، دۆلىتىنىڭ ئىرادىسىنى ئافرىن، جەرابلۇس، ئەلباب ۋە ئىدلىب رايونلىرىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىدە كۆپ قېتىم جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

17 – سېنتەبىردە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، بۇ مەسىلىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنىڭ تەكىتلەپ ئۆتۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «تۈركىيەنىڭ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىنى رۇسىيەنىڭمۇ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئەردوغان، رۇسىيەنىڭ بىلەن ئورنىتىلغان ھەمكارلىقلارنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ ئاكتىپ ھالەتتە راۋاجلىنىدىغانلىقىغا ئىشنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى <تېررورچى> ھېسابلاپ يوقىتىشنى نىشان قىلغان ھەرتۈرلۈك ئۇرۇنۇشقا قارشى ئىكەنلىكىمىزنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېگەن ئەردوغان، ئىدلىبتىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنىڭ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە قېتىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ جەنۋە ۋە ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ نورمال ھالەتتە رولىنى جارىي قىلدۇرالىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «دۇنيامىزنىڭ قانلىق جاراھىتى بولۇۋاتقان بۇ مەسىلىگە پەقەت تۈركىيەنىڭ مەسىلىسىدەكلا مۇئامىلە قىلىش توغرا ئەمەس» دېدى.

ئەردوغان سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ياخشى قوشنىدارچىلىق، ئورتاق مەنپەئەتلەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت دائىرىسىدە گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، «ئورتاق ئېنېرگىيە لايىھەلىرى ۋە ئۆزئارا سېلىنمىلار باشتا بولۇپ، ئىنسانىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىر رايوندا تەڭ ياشاپ، ئەسىرلەر بويىچە تارىخنىڭ تېمىسى بولۇپ كەلگەن تۈرك ۋە رۇس خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر، سەمىمىي شۇنداقلا يېقىن مۇناسىۋەت ئىچىدە بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن. بۇ مۇددىئانى ياقلىغان ھالدا قىلىنغان خىزمەتلەرنى ھەردائىم قوللايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى خالايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر