تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دېپلوماتىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتۇندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ ئاق سارايدا ئامېرىكىلىق راھىپ بىرۇنسون قاتارلىق تۈركىيە -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتۇندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردان قىلىچ ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن كۆرۈشتى.

باش ئەلچى سەردار قىلىچ ئۇچرىشىش ھەققىدە توختىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى سەۋەبىدىن سوتتا دېلو تۇرغۇزۇلغان ئامېرىكىلىق راھىپقا دائىر تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى تەكرار ئېنىق قىلىپ ئوقتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاق ساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس بولسا، ئۇچرىشىش ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا باش ئەلچى سەردار قىلىچ بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مەسلىھەتچىسى بولتوننىڭ ئامېرىكىلىق راھىپ بىرۇنسون قاتارلىق تۈركىيە -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەدىكى سوت باسقۇچى داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكىلىق راھىپ بىرۇنسون ھەققىدە ئالدىنقى ھەپتىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ۋاشىنگىتوندا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر