يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىق يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم

يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىق يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋاتىكان زىيارىتى.

يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىق يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم

يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىق يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاپا فرەنسىسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يېقىندا ۋاتىكاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بىزمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋاتىكان زىيارىتى ۋە بۇ زىيارەتنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ۋاتىكان ۋە كاتولىك دۇنياسى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۇنجى رەسمىي ئالاقە فاتىھ سۇلتان مەھمەت دەۋرىدە ئورنىتىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پاپالىقنىڭ ئىستانبۇلدا دائىمىي ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلدى.

1959 – يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى جەلال بايارنىڭ ۋاتىكان زىيارىتى ۋە پاپا 23 – يېن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، 1960 – يىلى 11 – ئاپرېل كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى. ئارقىدىنلا، ھەر ئىككى تەرەپتە باش ئەلچىخانىلار ئېچىلدى. تۈركىيەنىڭ ۋاتىكان باش ئەلچىخانىسى 1962 – يىلى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. تۈركىيەگە تۇنجى پاپا زىيارىتى 1967 – يىلى  6 – پائۇل تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1979 – يىلى پاپا 2 – يېن پائۇل، 2006 – يىلى پاپا 16 – بېنېدىكت، 2014 – يىلى 28 – 30 – نويابىر كۈنلىرى پاپا فرەنسىس تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىندا پاپا فرەنسىسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رىمدا زىيارەتتە بولدى. ئەردوغان ۋاتىكاندىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن سىرت يەنە، ئىتالىيە پىرېزىدېنتى ماتېراللا، باش مىنىستىرى گېنتىلونى، ئىتالىيەلىك كارخانىچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۈركىيە – ئىتالىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پاپا فرەنسىس بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – ۋاتىكان مۇناسىۋەتلىرى، قۇددۇس مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر، رايونلۇق مەسىلىلەر، سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە، تېررورىزم، چەت ئەل ھەم ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى  كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇددۇس توغرۇلۇق چىقارغان قارارىنىڭ خەۋپلىك تەرەپلىرى ۋە بۇ قارارنى ئىجرا قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قۇددۇسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرى ۋە خەلقئارا قانۇن تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن سالاھىيىتىنى قوغداپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئەسكەرتىلگەن.

شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋاتىكان زىيارىتى سىمۋوللۇق جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. دەرۋەقە، ئارىدىن 59  يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ۋاتىكاندا زىيارەتتە بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن،  كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانىي رەھبىرى پاپا فرەنسىس بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قۇددۇس مەسىلىسىدىكى ئورتاق سەزگۈرلۈكلىرىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى.

ھەممىگە مەلۇمكى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ 2017 – يىلى 6 – دېكابىر كۈنى قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارى چىقارغان ئىدى. بۇ قارارغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەردوغان بۇ ھەقتە كۆپ ساندىكى دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا يەنە، پاپا فرەنسىس بىلەنمۇ ئىككى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتى.

پاپا فرەنسىس قۇددۇسنىڭ ئۈچ ساماۋى دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن مۇقەددەس جاي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنى قۇددۇسنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى ئاۋازغا قويۇشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يالغۇز قېلىشىدا بۇ ھەمكارلىق ۋە ھەققانىي نارازىلىق مۇھىم رول ئوينىدى. گەرچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قۇددۇس مەسىلىسىدە تىنچلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان شۇنداق قارار چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاتىكان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتە نامايەن قىلغان سەزگۈرلۈكى، ئىسلام دۇنياسى – غەرب مۇناسىۋەتلىرىدە چوڭ كىرىزىس يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق ياۋروپانىڭمۇ، خىرىستىيان دۇنياسىنىڭمۇ قۇددۇس مەسىلىسىگە قارىتا نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى.

پاپا فرەنسىس ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن تارتىپلا ئالاقە ئورنىتىشنى خالايدىغان، ئوچۇق – يورۇق، ئۆتكۈر پىكىرلىك ۋە سەمىمىي رەھبەر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ۋاتىكاننىڭ قۇددۇس مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىسلام دۇنياسىنى خۇرسەن قىلدى. بۇ پوزىتسىيە مۇسۇلمانلار بىلەن كاتولىكلارنى بىر - بىرىگە يېقىنلاشتۇردى. بۇنىڭ قىلچىمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، ئەلۋەتتە. چۈنكى، قۇددۇس مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا كاتولىكلار ئۈچۈنمۇ «مۇقەددەس جاي» ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەقتە ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىشىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ئەردوغاننىڭ ۋاتىكان زىيارىتى يېقىنقى مەزگىللەردىكى تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش كۈنتەرتىپى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پاپا فرەنسىس 2017 – يىلى مارتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى، 60 يىل گىرىپتار قىلغان كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن چارە تېپىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.

ترانسئاتلانتىك ئىتتىپاقداشلىقىدىكى ئىختىلاپ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە مۇساپىلار مەسىلىلىرىدە تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئېھتىياجى بار، ئەلۋەتتە. دەرۋەقە، ئىچكى كىرىزىسلىرىنى ھەل قىلىشتا قىينىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى كىرىزىسلەرگە بىۋاسىتە مۇداخىلە قىلالمىدى.

ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرىزىسلەرنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ياۋروپا، تۈركىيە بىلەن ئورتاق زېمىن ھازىرلاپ رايون تەڭپۇڭلۇقلىرىدا مۇھىم رول ئوينىيالىشى مۇمكىن. ياۋروپا تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – ي  پ گ گە قارشى  كۈرىشىنى قوللاش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە يېقىنلىشىشىنى قولاللايتۇرالىشى مۇمكىن.

ئەردوغان – پاپا ئۇچرىشىشىدا تەكىتلەنگەن قۇددۇس ھەمكارلىقى ياۋروپانىڭ بېكىنمىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن سىمۋوللۇق قەدەم بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەردوغان بىلەن پاپانىڭ ئۇچرىشىشىدا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ چەت ئەل ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى ئورتاق  كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى، بۇ ھەقتە تاشلانغان يەنە بىر ئىجابىي قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ زىيارەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تىنچلىق ئورنىتىش، بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىش يولىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر