ئەردوغان: تۈركىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق باش ئەگدۈرەلمىگەنلەر ئۆزلىرى مەيدانغا چۈشمەكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئوخشاش تەشكىلاتلار ئارقىلىق بۇلۇڭغا قىستىيالمىغانلارنىڭ بىۋاسىتە ئۆزلىرىنىڭ مەيدانغا چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: تۈركىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق باش ئەگدۈرەلمىگەنلەر ئۆزلىرى مەيدانغا چۈشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ مەركىزى بىناسىدا چاقىرىلغان ۋىلايەت باشلىقلىرى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ گۈللىنىشىنى خالىمايدىغان تەرەپلەرنىڭ ھەر كۈنى يېڭى بىر تاكتىكىلىق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ بىر قىسمىغا تۈركىيەنىڭ دىققىتى ۋە كۈچىنى رايونىدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەردىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيەنى سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىپلوماتىك، ھەربىي، ئىقتىسادىي... پۈتكۈل ساھەلەردە تىز پۈكتۈرەلمىگەنلەر، ھەر كۈنى يېڭى بىر ئويۇن بىلەن قارشىمىزغا چىقماقتا. بىراق بىز ئەمدى پەقەت قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە مۇداپىئەدە تۇرۇش بىلەنلا قالماي، ئۆزىمىزنىڭ ئويۇن پىلانىمىزنى قەدەممۇ قەدەم ئىجرا قىلىۋاتىمىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مۇداپىئەمىزنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكىمۇ سەل قارىمايۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«نۇرغۇن نۇقتىلاردا بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە نامايان قىلغان بۇ ئىككى يۈزلىمىچى پوزىتسىيەسىدىن بىز بەكلا راھەتسىزمىز» دېگەن ئەردوغان يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يۈزتۇرانە كۆرۈشكىنىمىزدە بىزگە ھەر تۈرلۈك ۋەدىنى، ھەر تۈرلۈك كاپالەت بەرگەنلەرنىڭ ئارقىمىزدىن ئوينىغان ئويۇنلىرىنىڭ رەزىللىكى يوشۇرغىلى، ساقلىغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلدى. ئەمدى بۇ نەيزە بۇ خالتىغا پاتمايدۇ» دېدى.

يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى تەلەپكە لايىق كۈرەش قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنلەرنىڭ ئەمدىلىكتە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن قولمۇقول تۇتۇشۇپ، رايوننى تەرتىپكە سېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان،  «دۇنيادا ئۆزلىرىگە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ئەڭ چوڭ نىشان، دەپ دائېشنى كۆرسەتكەنلەر، ھازىر دائېشقا قارشى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۇرىيە گۇماشىتىسى پ ي د / ي پ گ غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر