يىلدىرىم بۈگۈن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن (19 – ئىيۇن) گىرېتسىيەدە بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

يىلدىرىم بۈگۈن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئاتىنادىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراس ۋە پىرېزىدېنت پروكوپىس پاۋلوپولوس بىلەن كۆرۈشىدىغان باش مىنىستىر يىلدىرىم، تۈرك ئاز سانلىقلار ياشايدىغان غەربىي تراكيا رايونىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى قانداشلار بىلەن بىر ئىپتار زىياپىتىدە ئۇچرىشىدۇ.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئارىدىن ئىككى يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرىدىغان باش مىنىستىر دەرىجىلىك بۇ قېتىمقى زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ۋە قىبرىس مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ بۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بىر كۈنلۈك گىرېتسىيە زىيارىتى، قىبرىس يىغىنىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە قايتىدىن چاقىرىلىدىغان بولۇشى، تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىزدا باشلىغان كۆپ قاتلاملىق تەۋرىتىپ تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاش ئىستراتېگىيەسى، رىم تەرەپنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش دائىرىسىدە بەزى خەلقئارالىق شىركەتلەر بىلەن بىر تەرەپلىمە كېلىشىم تۈزۈشى دېگەندەك نۇقتىلار نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئىنتايىن مۇھىم بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.

گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، يىلدىرىمنىڭ زىيارىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى چىپراسنىڭ 13 – مايدا خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا چاقىرىلغان بىر بەلباغ، بىر يول يىغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر خىزمەت زىيارىتى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىغا ئالاقىدار رامكىنىڭ سىزىپ چىقىلىشى نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر