چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، 20 – ئىيۇندىن 22 – ئىيۇنغىچە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

ياپونىيەگە ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەرىجىسىدە قىلىنىدىغان بۇ قېتىمقى زىيارەت دائىرىسىدە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ ياپون مەنسەپدىشى فۇمىئو كىشىدا، ئىقتىساد، سودا ۋە سانائەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىروشىگې سېكو ۋە ياپونىيە – تۈركىيە پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشى؛ باش مىنىستىر شىنزو ئابې تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ۋە ساساكاۋا تىنچلىق فوندى ئىسىملىك تەتقىقات ئورنىدا «ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيەنىڭ رولى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىشى پىلانلانماقتا.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە قوشۇمچە ھەمكارلىق ساھەلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، رايون ۋە خەلقئاراغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر