14.02.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

14.02.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ غا قىلغان ياردىمى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ ئىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس، بۇ قېتىم قاتتىق تاشقا ئۈسۈۋالدىڭلار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» توغرىسىدا: «تۈركىيەنىڭ يوللۇق خەۋپسىزلىك قايغۇلىرى بار. ھېچقانداق ناتو ئەزاسى تۈركىيەگە ئوخشاش تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىدى، تۈركىيە بۇ خەۋپسىزلىك قايغۇلىرىنى تۈگىتىش ھوقۇقىغا ئىگە» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەكنىڭ چوڭ شىركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە چەت ئەل پۇل پېرېۋوتلىرى قەرز ئېلىش بەلگىلىمىلىرىنى ئىيۇن ئېيىغىچە ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەھمەت شىمشەكنىڭ بلۇمبېرگدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خەزىنە ھېساباتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ دېنىزلىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى شاھىن تىننىڭ، تۈركىيە سودا-كارخانىچىلىرىنىڭ سۇداننىڭ قىزىل دېڭىز ئىشتاتىدا ساياھەت شەھەرچىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، قىزىل دېڭىز ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى بىلەن كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە، «پورت سۇدان» رايونىغا 10 مىڭ نوپۇش ياشايدىغان ساياھەت شەھەرچىسى قۇرۇش قارار قىلىنغان. شەھەرچىنى زامانىۋى ئۇسلۇبتا قۇرۇش پىلان قىلىنغان بولۇپ، 250 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدىكەن. شەھەرچە سۇداننىڭ دۇنياغا تونىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن. قۇرۇلۇشلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى تۈركىيە مېمارلىرى ۋە ئىنژېنېرلىرى تەرىپىدىن پۈتكۈزۈلىدىكەن.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، گېرمانىيەدىن تۈركىيەگە يازلىق ساياھەت ئۈچۈن ئالدىن تىزىملىتىش نىسبىتى يىل بېشىدىن تارتىپ، ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا % 50 ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بېرلىن ساياھەتچىلىك مەسلىھەتچىسى ھۈسەيىن غازى جوشان 2017-يىلغا سېلىشتۇرغاندا 2018-يىلدا ساياھەتچى سانىنى كۆپ بولىدۇ دەپ مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە بازىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر