13.10.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

13.10.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «ئەردوغان غەرب ئەللىرىگە سىگنال بېرىپ مۇنداق دېدى:  سىلەرنىڭ كۈچلۈك تۈركىيەگە كۆنۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان «ۋالىيلار يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىگە مۇھىم سىگناللارنى بەردى ھەمدە تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ، كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «غەرب ئەللىرى ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلارنى تۈزۈپ، بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان قۇدرەتلىك تۈركىيەنى ھەزم قىلالمايۋاتىدۇ. تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا كىرىزىسىمۇ بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. دەرۋەقە، تۈركىيە نۆۋەتتە ھېچكىمگە مۇھتاج ئەمەس.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «يەرلىك قورال – ياراغلار ئامېرىكىنىڭ قورال – ياراغلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «بۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلىرىمىز  Sig Sauer  دەپ ئاتىلىدىغان قورال – ياراغلارنى ئىشلەتمەيدۇ. بىز نۆۋەتتە تاپانچا ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇساپىلىق قورال – ياراغلارنى ئۆز دۆلىتىمىزدە  ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز. چۈنكى بىز قورال – ياراغلارنى باشقىلاردىن ئالغانسېرى ھورۇنلىشىپ كېتىدىكەنمىز. ئەڭ ياخشىسى، بىز ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان قورال – ياراغلىرىمىزنى ئىشلىتەيلى» تەرىقىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن، ھەممىنىڭ دىققىتى چەت ئەل قورال - ياراغ سىستېمىلىرىدىن پايدىلىپ، يەرلىك قورال – ياراغلارنى ئىشلەپچىقىرىش لايىھەلىرىگە بۇرالدى. بۇ لايىھەلەردىن بىرى (MPT-76)  تىپلىق مىللىي پىيادە ئەسكەرلەر مىلتىقى دۇنيا ئارمىيەلىرى ئىشلىتىدىغان پىيادە ئەسكەرلەر مىلتىقلىرىنىڭ ئۈستۈن ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا لايىھەلەندى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناتو نىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ئىلغار قورال - ياراغ ئىكەن.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئامېرىكا كونسۇلخانا خادىمىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بىلەن چېتىشلىقىنىڭ بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى جون باس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى خادىمىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بىلەن داۋاملىق ئالاقە قىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل - ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقانىدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، قولغا ئېلىنغان جاسۇسنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىدىن تەشكىل تاپقان تېررورىستلار بىلەن  كۆپ قېتىم ئالاقە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دەلىللەرنى قولغا چۈشۈردى. بۇ دەلىللەر تېلېفون كۆرۈشۈشلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، مەزكۇر جاسۇسنىڭ قانداق ۋاقىتتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بىلەن قايسى ۋاقىتتا كۆرۈشكەنلىكىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويىدۇ. نۆۋەتتە ھەممىنىڭ دىققىتى مەزكۇر جاسۇسنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىنىڭ تەپسىلاتىغا بۇرۇلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە ئىدلىبتە توقۇنۇشماسلىق رايونى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالاھىدە قىسىملار چارلاش پائالىيەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىدلىبكە كەتكەن. ھەرىكەت سائەت 23.05 تە باشلانغان. 8 تانكا، 50 بىرونېۋىك ۋە 200 دەك تۈرك ئەسكىرى كەفەر  لۇسىن رايونىدىن ئىدلىبكە كىرگەن. دارەت ئىززە يېزىسىغا يېتىپ بارغان ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلگاھى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە «بەرىكەت تۆپىلىكى» بولۇپ، ھەرىكەت جەريانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلگەن.  قوراللىق ئادەمسىز ھائاا ئاپپاراتلىرىمۇ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى قوغداپ ماڭغان. ئەترەت ئۆتكەن مەنزىلگاھلاردىكى رايون خەلقى تۈرك ئەسكەرلىرىگە ئالقىش ياڭراتقان.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «شىۋېتسىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ماكېدونىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مۇساپىسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «شىۋېتسىيە شەرقىي ياۋروپا، غەربىي بالقان رايونى ۋە تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان «ئىسلاھات ھەمكارلىقى ئىستىراتېگىيەسى» كېلىشىمى دائىرىسىدە مەزكۇر ئەللەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مۇساپىسىنى قوللايدۇ. بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ ئىقتىسادىي، دېموكراتىك ۋە مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى سىجىل تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر