19.06.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

19.06.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «<ۋەتەن> گېزىتى»، «پارىژ ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسىدە تۈركىيە شامىلى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى بولغان پارىژ ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسى ئەتە لې بوئۇرگېت ئايرودۇرۇمىدا ئېچىلىدۇ. ئاۋىياتسىيە سانائىتىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر كۆرگەزمە قىلىنىدىغان يەرمەنكىدە بۇ يىل تۈركىيە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى گەۋدىلىنىدۇ. تۈركىيە، ئۆزى لايىھەلىگەن ھاۋا قاتنىشى ۋاسىتىلىرىنى پارىژ ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىدۇ. يەرمەنكىدە تۈركىيە ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتى تەرىپىدىن لايىھەلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان ھۈرقۇش مەشىق ئايروپىلانى نومۇر كۆرسىتىدۇ. ئالدىمىزدىكى يىلى ئۇچۇشنى باشلايدىغان 12 ئورۇندۇقلۇق 6 توننا ئېغىرلىقتىكى ھەم نورمال ھەم ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان ت-625 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانمۇ كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ. تۈركىيە ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ ت-129 ئاتاك، قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا ئايلاندۇرۇلغان ئانقا-س مۇ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.»

«<خابەرتۈرك> گېزىتى»، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ف-35 كېلىشىمى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 دۆلەت كەم دېگەندە 440 دانە ف-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشتى. ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 37 مىليارد دوللارغا يېتىشى كۈتۈلۈۋاتقان كېلىشىمنىڭ بىر رېكورت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە. 2006 – يىلىدىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن يېڭى مودېللىرى ئەتە ئېچىلىدىغان پارىژ ئاۋىياتسىيە يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ئۆتكەن ھەپتە ف-35 سېتىۋالماقچى بولغان 11 دۆلەتنىڭ مەسئۇللىرى ئامېرىكىنىڭ مارىلاند ئىشتاتىدىكى بالتىمور شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، ف-35 ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان  Northrop Grumman زاۋۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شەرتلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنىدى. تۈركىيە ۋەكىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر ئاۋسترالىيە، دانىيە، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت.»

«<ستار> گېزىتى»، «تۈركىيە ئەسكەرلىرى قاتار ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە بىلەن قاتار ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، قاتارغا قاراپ يولغا چىققان تۈركىيە ئەسكەرلىرى رايونغا يېتىپ باردى. ئۇلار قاتار ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار بىرلەشمە مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزىدۇ. قاتارنىڭ داڭلىق مېدىيا ئورگىنى <ئەلجەزىرە>، تۈرك ئەسكەرلەرنىڭ رايونغا يېتىپ بارغانلىقىنى ۋە قاتار ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار بىرلەشمە مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، يەمەن دېگەندەك دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار پارس قولتۇقى دۆلىتى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن ۋە قاتارغا بەزى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ باياناتلاردىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قاتارغا ئەسكەر ئەۋەتىش ماقۇللانغانىدى.»

«<ساباھ> گېزىتى»، «شەپقەت پاراخوتى غەززە يولىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىنغان غەززەگە 10600 توننا ياردەم ئەشياسى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان <Acqua Stella> ناملىق پاراخوت تۈنۈگۈن يولغا چىقتى. ياردەم ئەشيالىرى ئارىسىدىكى ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا ئويۇنچۇق، ۋېلىسىپىت ۋە ھېيتلىق كىيىم – كېچەكلەر بىلەن پەلەستىنلىك بالىلار بايرامنى شات – خۇرام ئۆتكۈزىدۇ. پاراخوتتا 18100 دانە ئويۇنچۇق، 32000 يۈرۈش ئوقۇش ماتېرىيالى، 50000 ئوزۇق – تۈلۈك ساندۇقى، 5000 توننا ئۇن، 100 توننا پىرەنىك ۋە بولكا، 50000 كىيىم – كېچەك، 1000 دانە ھېيتلىق كىيىم ۋە 1010 دانە ۋېلىسىپىت قاتارلىقلار بار.»

«<يېڭى شەپەق> گېزىتى»، «دانىيەدە ئىسلامنى گۈللەر بىلەن چۈشەندۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «دانىيە ئسىلام جامائىتى ياشلار قانىتى، پايتەخت كوپنېھاگېندىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەيدانى ئەتراپىغا مودېل مۇنارلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان چېدىر تىكىپ، <مەن مۇسۇلمان> دېگەن نام ئاستىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى. تاراتقۇلاردىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سەلبىي ئوبرازغا خاتىمە بېرىشنى نىشان قىلغان ياشلار، گۈل تارقىتىپ دانىيەلىكلەرگە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى چۈشەندۈردى. پىداكار ياشلارغا خەلق ۋە ساياھەتچىلەر ئىجابىي ئىپادە بىلدۈردى. دانىيە ئىسلام جامائىتى تەرىپىدىن يېقىنقى 6 يىلدىن بۇيان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى دانىيەلىكلەرگە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. دانىيە ئىسلام جامائىتى، قىش ئايلىرىدىمۇ خەلققە ئىسسىق شاكىلات ۋە نان تارقىتىش ئارقىلىق ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشقانىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر