ئۆزبېكىستان يېڭى ۋىزا تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىدى

ئۆزبېكىستان، ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى خىزمەتلەر دائىرىسىدە 101 دۆلەت پۇقراسىنى 5 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

ئۆزبېكىستان يېڭى ۋىزا تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ تەرىپىدىن ئىمزالانغان «چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا كىرىشىنى قولايلاشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان» قارارنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، 15 – ئىيۇل (تۈنۈگۈن) دىن باشلاپ، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 101 دۆلەت پۇقراسى 5 كۈن بويىچە ئۆزبېكىستاندا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.

يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، 16 ياشتىن كىچىك چەت ئەل پۇقرالىرى ئاتا – ئانىسى ياكى ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا 90 كۈنگىچە ۋىزىسىز تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنغان.

20 دوللار تۆلەپ ئېلىنىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ۋىزىلار، بېرىلگەن كۈندىن تارتىپ 90 كۈنگىچە كۈچكە ئىگە ئىكەن.

چەت ئەللىكلەرنىڭ مۇۋەققەت تۇرالغۇسىنى تىزىملىتىش مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلغان ئۆزبېكىستان،

مارت ئېيىدا تۈركىيە قاتارلىق 7 دۆلەت پۇقراسىغا 30 كۈن بويىچە ۋىزىسىز تۇرۇش، 39 دۆلەت پۇقراسىغا قولاي ۋىزا بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر