ئۆزبېكىستانغا بۈگۈندىن ئېتىبارەن ۋىزىسىز بارالايسىز

ئۆزبېكىستان تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 دۆلەت پۇقرالىرىغا 30 كۈنلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ۋە 39 دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش قارارىنى بۈگۈن رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

ئۆزبېكىستانغا بۈگۈندىن ئېتىبارەن ۋىزىسىز بارالايسىز

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىزىيايېۋ تەرىپىدىن 3 – فېۋرالدا ئىمزالانغان ۋە «ئۆزبېكىستانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا مۇھىم ھەسسە قوشۇش ئىكانىيىتى يارىتىش» قارارنامىسىغا بىنائەن بۈگۈندىن باشلاپ تۈركىيە، ئىسرائىلىيە، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە، مالاشىيا، سىنگاپور ۋە ياپونىيە پۇقرالىرى ۋىزا ئالماستىن 30 كۈنلۈك ساياھەت ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا بارالايدۇ.

ئۆزبېكىستانغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاندىكى كۈتكىچىلەرمۇ بۇ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش قارارنامىسىدىن پايدىلىنالايدۇ.

قارارنامىدا يەنە، 39 دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا ۋىزا ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسىدىن پايدىلىنىپ، 2 كۈن ئىچىدىلا ۋىزا ئالالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋىزا ئاسانلاشتۇرۇلغان مەزكۇر دۆلەتلەر تۆۋەندىكىچە: 

خىتاي ۋە خىتايغا قاراشلىق خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى، ئاۋستىرالىيە، ئالبانىيە، ئاندوررا، بۇلغارىيە، بوسنىيە – گىرېتسىگوۋېنا، ۋاتىكان، ھونگىرىيە، گېرىتسىيە، دانىيە، ھىندىستان، ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى، ئى.باندىيە كانادا، لىتۋانىيە، لېچتېنستېن، لىيۇكسېمبورگ، ماكېدونىيە، مالتا، موناكو، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، پورتۇگالىيە، سان مارىنو، سەئۇدى ئەرەبىستان، سېربىيە، سلوۋاكىيە، سلونىيە، ئامېرىكا، فىنلاندىيە، كىرودىيە، قاراداغ، شىۋېتسىيە ۋە ئېستونىيە.

بۇ قارار ئارقىلىق ئۆزبېكىستاندا ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدىغان ئومۇمىي دۆلەت سانىنىڭ 16 گە  ۋە ۋىزا ئاسانلاشتۇرۇلغان دۆلەت سانىنىڭ 51 گە چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆزبېكىستان بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، بىلۇرۇسىيە، گىروزىيە، قازاقىستان، مولدوۋا، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلمايتتى. بىراق ئاۋستىرالىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، جېخ جۇمھۇرىيىتىنى، لېتونىيە ۋە تالاند پۇقرالىرىغا نىسبەتەن ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە ئىدى.

ئۆزبېكىستاننىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرى باشقا چەت ئەللىكلەرگە نىسبەتەن ئىلتىماس سۇنغان تۇنجى كۈنىدىن تارتىپ، 10 كۈن ئىچىدە تاماملىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر