تۈركىيە-ئىرېلاندىيە مۇسابىقىسى ت ر ت سپور قانىلىدىن تارقىتىلىدۇ

تۈركىيە-ئىرېلاندىيە پۇتبول مۇسابىقىسى ت ر ت سپور (ت ر ت تەنتەربىيە) قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

تۈركىيە-ئىرېلاندىيە مۇسابىقىسى ت ر ت سپور قانىلىدىن تارقىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىملىق ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك كوماندىسى بىلەن بۈگۈن (23-مارت) ئۆتكۈزۈلىدىغان تەييارلىق مۇسابىقىسى، 556-قېتىملىق مەيدانغا چۈشۈشى بولىدۇ.

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ تېخنىكا تىرېنېرى مىرسىيا لۇكېسكو ۋە كوماندا ئەزاسى ئوكاي يوكۇشلۇ ئىرېلاندىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان تەييارلىق مۇسابىقە توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئوكاي يوكۇشلۇ ماھارىتى ئۈستۈن بولغان كوماندا گۇرۇپپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى ۋە: «دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشالمىغانلىقىمىزدىن كۆڭلۈمىز يېرىم، بىراق ھەر قاچان ئالدىمىزغا قاراشقا مەجبۇرمىز» دېدى.

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ تېخنىكا تىرېنېرى مىرسىيا لۇكېسكو يېڭى پۇتبول قوشۇنى تەشكىللىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئىرېلاندىيە كوماندىسىنىڭ تېخنىكا تىرېنېرى مارتىن ئونېيىل ۋە كوماندا ئەزاسى كولېمانمۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئىرېلاندىيە كوماندىسىنىڭ تەجرىبىلىك تېخنىكا تىرېنېرى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشالمىغان ئىككى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئوخشاش تەقدىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە-ئىرېلاندىيە تەييارلىق مۇسابىقىسى ئەنقەرە ۋاقتى 20:30 دا ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقە جەريانى ت ر ت سپور قانىلىدىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر