تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا رەتكە تىزىلىشىدا 27-بولغان

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا رەتكە تىزىشىدا ئالتە بالداق يۇقىرى ئۆرلەپ، 27-رەتكە كىردى.

تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا رەتكە تىزىلىشىدا 27-بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسى (FIFA) سېنتەبىر ئايلىق رەتكە تىزىلىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئاۋغۇست ئېيىدىكى 33-رەتتىن 27-رەتكە ئۆرلىگەن. ئاۋغۇست ئېيىدا بىرىنچى رەتنى بىرازىلىيە كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قويغان دۇنيا لوڭقىسى چىمپېيونى گېرمانىيە كوماندىسى، قايتىدىن بىرىنچىلىكنى قايتۇرۇۋالغان.

بۇ قېتىمقى رەتكە تىزىلىشتا، 2016-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى چىمپېيونى بولغان پورتۇگالىيە كوماندىسى 3-رەتكە تىزىلغان. 2018-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا شاللاش مۇسابىقىلىرىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ۋە ۋېنېزۇئېلا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان ئارگېنتىنا كوماندىسى 4-رەتكە تىزىلغان.

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ياۋروپا شاللاش I گۇرۇپپىسىدىكى رەقىپلىرىدىن كىرۇدىيە 18-رەتكە، ئىسلاندىيە 22-رەتكە، ئۇكرائىنا 87-رەتكە، كوسوۋۇ 184-رەتكە تىزىلغان.

خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق رەتكە تىزىش نەتىجىسى 16-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىدۇ. خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىگە 200 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ كوماندىلىرى ئەزا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر