تۈركىيە ۋالىبول كوماندىسى خىتاي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

تۈركىيە دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى بۈگۈن (16-ئىيۇن) كۈنشەن شەھىرىدە 2017-يىللىق خەلقئارا ۋالىبول فېدېراتسىيەسىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى G2 گۇرۇپپىسىدا خىتاي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

تۈركىيە ۋالىبول كوماندىسى خىتاي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋالىبول كوماندىسى بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى 17:00 دە خىتاي كوماندىسى بىلەن، ئەتە (17-ئىيۇن) ئۈرۈمچى ۋاقتى 13:00 دە ياپونىيە كوماندىسى بىلەن، يەكشەنبە (18-ئىيۇن) 13:00 دە ئاۋستىرالىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

خەلقئارا ۋالىبول فېدېراتسىيەسى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئەڭ كۆپ نەتىجە ئالغان ئۈچ كوماندا بىلەن ساھىبخان ئاۋستىرالىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇسابىقىلەر 24-25-ئىيۇن كۈنلىرى ئارىسىدا ئاۋستىرالىيەنىڭ گولد كوست شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر