تۈركىيە تەجرىبىسى: خوراسان يولى

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «تۈركىيە تەجرىبىسى: خوراسان يولى» سەرلەۋھىلىك يازمىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

تۈركىيە تەجرىبىسى: خوراسان يولى

تۈركىيە تەجرىبىسى: خوراسان يولى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھاياتقا ئىجابىي نەزەر بىلەن قارايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۈمىدسىزلەرچە يازمىلارنى يېزىش ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. سىلەر بىلەن توقۇنۇش توغرىسىدىكى ئەمەس، تىنچلىق، خاتىرجەملىككە قاراپ كېتىۋاتقان دۇنيا ھەققىدىكى، تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ناخشىلىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك قېرىنداشلىق، تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىشىش توغرىسىدىكى  ئانالىزلارنى ئورتاقلىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.

ئەپسۇسكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، خىتاي ۋە باشقا ئاكتىيورلار  مەركەزلىك ھەر كۈنى تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشقا تولغان بىر دۇنياغا قاراپ كېتىۋاتىمىز. دۇنياۋى كۈچلەر بىلەن بىرگە، يەككە ۋە تەشكىللىك تېررورىزم، بىز ئوخشىماسلىقلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بىرلىكتە ياشاشنى خالايدىغان ئىنسانلىق ئائىلىمىزنىڭ ھاياتلىق ساھەسى كۈنسېرى تارايماقتا. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىشى، ئوخشىماسلىقلارغا ئەجەللىك ھۇجۇملارنىڭ قىلىنىشى، ماڭقۇرتلاشقان ئىدىيەگە ئىگە دائېش، يېڭى زېلاندىيە ۋە سىرىلانكادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، تاررانتىزم، ئېۋانگېلىزم (ئىنجىلغا ئەگەشكۈچى ئېقىم)غا ئوخشاش ئەھۋاللارنى ئەسلىسە، ئىنساننىڭ روھ دۇنياسى قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ.

نەزەر دائىرىمىزنى كۈنسېرى قارايتىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قارشى ھەم ئىسلام دۇنياسى ھەم دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنى خاتىرجەملىككە، بىرلىكتە ياشاشقا چاقىرىدىغان تېخىمۇ ئالەمشۇمۇل بىر تىلغا، پوزىتسىيەگە ئېھتىياجىمىز بار. تېخىمۇ توغرىسى ھەممە كىشىنى مۇئەييەن قىممەت – قاراشلارنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ياشاشقا چاقىرىدىغان دۇنياۋى ئەخلاققا ئېھتىياجىمىز بار.

باشقا ساھەلەردىمۇ بولۇش بىلەن بىرگە، خۇسۇسەن دىنىي ساھەدىمۇ كۆپ سانلىقچىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە سەمىمىيلىك بىلەن تەتبىقلىنىدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللەنسە، ئىنسانلىق ئائىلىمىزنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ھەل قىلماسمۇ؟

ئىنسانلار ئۆزىگە ئوخشاشلارنى بەكرەك ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن. بىراق بۇنداق قىلىش ئۈچۈن، چەتكە قېقىش، يەكلەش، دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟

ئوخشىماسلىقلارغا خەۋپ دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا پۇرسەت، بايلىق دەپ قاراش، ئۇلارغا ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكتىن باشقا نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟

پەقەت ئېلىشنىلا ئەمەس، بېرىشنىمۇ، ئورتاقلىشىشنىمۇ ئويلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سائادەت ۋە مۇقىملىقنىڭ تۈپ مەنبەسى ئەمەسمۇ؟

ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارنى تۆۋەن كۆرۈش، پەرقلىق تىل، دىن، رەڭ، ئىرق، ئىدېئولوگىيە ۋە چۈشەنچىنى ئۈستۈنلۈك مەنبەسى دەپ كۆرمەسلىك، بىرلىكتە ياشىيالايدىغان بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى ئەمەسمۇ؟

ئەسلىدە يۇقىرىدا بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن قىممەت – قاراشلارنىڭ كۆپىنچىسى، دەۋرىمىزدە ئالەمشۇمۇل قىممەت – قاراشلار دېيىلىۋاتقان بايلىقلاردۇر. بىراق ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۆۋەتتە بىز گويا «قىممەت – قاراشلار ۋەيران بولۇپ تۈگىگەنلىكى» ئېلان قىلىنغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بۇرۇنلاردا قىلىنماقچى بولغان پىرىنسىپسىزلىقلار كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ بىرەر قېلىپقا سېلىنىپ قىلىناتتى. ھازىر بولسا بارلىق قىممەت – قاراشلار بىۋاسىتە ھالدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئابستراكت ھالدا قوبۇل قىلىنغان ۋە مۇئەييەن كېلىشىملەردە ئورۇن بېرىلگەن، ياكى ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن قىممەت – قاراش ياكى پىرىنسىپلار، كۆپىنچە ھاللاردا قەغەز يۈزىدىلا قالماقتا.

ھازىرقى شارائىتتا تېخىمۇ ئېغىر توقۇنۇش، رادىكاللىشىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، يەكلەش، بېسىم ئىشلىتىش پۈتكۈل دۇنيادا ھۆكۈم سۈرمەكتە.

ئۇنداقتا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قىممەت – قاراشلار  - ئابستراكت ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن باشقا - تارىختا تېخىمۇ ئەخلاقىي شەكىلدە ئەمەلىيلەشكەنمۇ؟

بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز نۇقتىسىدىن بۇ سوئالغا ئەركىن – ئازادە ھالدا «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىشىمىز مۇمكىن.

خوراسان رايونىدىن پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان ئىدراك، تونۇش، چۈشەنچە يۇقىرىدا بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن ناھايىتى كۆپ قىممەت – قاراشلارغا، بۇ قاراشلارنىڭ ئۆزلىشىشىگە، ئەخلاقىي پوزىتسىيە ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشىگە مەنبەلىك قىلماقتا.  بۇ يول، بۇ ئېقىمنى - خوراسان يولىنى يەسەۋىيلىك، سوپىلىق، خوراسان ئەۋلىيالىرى، مەۋلىۋىيلىك دېگەندەك پەرقلىق ئىسىملار بىلەنمۇ ئاتاشقا بولىدۇ. قانداق ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، مەزمۇنى ئوخشاش شەكىلدە تولدۇرۇلماقتا. مەن ھەم بىر جۇغراپىيەلىك رايونغا، ھەم بۇ رايوندىن پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان بىر قاراش ۋە ئىنسانىي ھەرىكەتكە ئىشارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خوراسان يولى دېيىشنى مۇۋاپىق كۆرىمەن.

ئالدى بىلەن خوراساننىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىر ئەسكەرتىپ ئۆتەيلى. ئىران، ئافغانىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستاننىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە مەرۋ، ھېرات، نىشاپۇر، بەلخ، بۇخارا، سەمەرقەنت شەھەرلىرىمۇ جايلاشقان تارىخىي رايون خوراسان دەپ ئاتالماقتا. باشتا خوجا ئەھمەد يەسەۋى بولۇپ شاھى نەقشىبەندى، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى، ھاجى بايرامى ۋەلى، ھاجى بەكتاشى ۋەلىگە ئوخشاش زاتلار خوراسانلىق بولۇپ، قاراشلىرىنى پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈزگەن ناھايىتى قىممەتلىك دۇنياۋى كىشىلەردۇر. ئاھى ئەۋرەن، يۇنۇس ئەمرە، سارى سالتۇق، سومۇنجۇ بابا، گۈل باباغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ مەزكۇر يولنى بېسىپ ئۆتكەن زاتلاردۇر.

بۇ زاتلارنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ئۆزلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياۋى خىتابلىرىنى تارقىتىش جەريانىدا باشقىلارنى قەتئىي چەتكە قاقماسلىقى، يەكلىمەسلىكى، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەرگە ھاكاۋۇرلارچە قارىماسلىقى، دىنىي، مەدەنىي، ئىجتىمائىي كۆپ سانلىقچىلىققا ۋە ئەپۇچانلىققا ئىگە بولۇشلىرىدۇر. نۆۋەتتە دۇنياۋى قىممەت – قاراشلار دەپ قارىلىۋاتقان بۇ پىرىنسىپلارنى پەقەت قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماستىن، بۇ پىرىنسىپلارنى تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ، ئەخلاقىي پوزىتسىيەلىرىنىڭ تەلىپى ھالىغا كەلتۈرۈشلىرىدۇر. شۇ ۋەجىدىندۇركى، غەربتە پەرقلىق ئېتىقاد ئىگىلىرى تەكشۈرۈش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلسە، ماياكلار دېيىشكە بولىدىغان بۇ قىممەتلىك زاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە يول كۆرسىتىشلىرى بىلەن، ئوسمانلى جۇغراپىيەسىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان غەيرىي مۇسۇلمانلار ئۆز ئېتىقادلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى. بۈگۈنكى دۇنيادا ئالەمشۇمۇل قىممەت – قاراشلارنى بايراقلاشتۇرغان بولۇشلىرىغا قارىماي، خوراسان يولى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ دۇنيا قاراشنى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆگىنەلمەيۋاتماقتا.

خوراسان يولىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنى مەۋلانانىڭ يەتتە تەلىماتى ناھايىتى گۈزەل شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا:

سېخىيلىق ۋە ياردەم قىلىشتا ئېقىن سۇ كەبى بول.

شەپقەت ۋە مەرھەمەتتە قۇياش كەبى بول.

باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇشتا كېچە كەبى بول.

غەزەپ ۋە ئەسەبىيلىكتە ئۆلۈك كەبى بول.

كەمتەرلىك، مۇلايىملىقتا تۇپراق كەبى بول.

ئەپۇچانلىقتا دېڭىز كەبى بول.

يا بولغىنىڭدەك كۆرۈن ياكى كۆرۈنگىنىڭدەك بول.

ھەزرىتى ئەلىنىڭ «ئىنسانلار يا يارىتىلىشتا باراۋەر ياكى دىندا قېرىنداشتۇر» دېگەن سۆزى خوراسان يولىنىڭ ئاساسىي پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خوراساندىن باشلاپ پۈتكۈل دۇنياغا يېيىلغان يولنى، بىر قاراشقا بۇ تەجرىبىنى ئەسلىدە تۈركىيە تەجرىبىسى دېيىشكە بولىدۇ.

تۈركىيە تەجرىبىسى شۇ ۋەجىدىن مەيلى مۇسۇلمانلار، مەيلى ئىنسانىيەت دۇچار بولۇۋاتقان شۇنداقلا ئېغىرلىشىۋاتقان بېكىنمىچىلىك، يەكلەش، چەتكە قېقىشقا چارە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە – بەلكى – يېگانە تەجرىبىدۇر. دۇنيادىكى شۇم كۈچلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى دەپ ئەقىلگە مۇۋاپىق ھەممىلا نەرسىنى مەھكۇم قىلغۇچى، ئەنئەنىسىز، ئاشقۇن، يىلتىزسىز ھەممىلا نەرسىنى كۈشكۈرتكۈچى پوزىتسىيەلىرى - بەلكى قىسقا مەزگىلدە – ئۇلارنىڭ مۇددىئالىرىغا خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. بىراق ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن كېلەچەكتە ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى بىر ئەنئەنىنى چىقىش قىلىدىغان، تارىخىي ئەمەلىيىتى بولغان، ئەخلاقىي جەھەتتىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن «خوراسان يولى» پوزىتسىيەسىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر