ماردىن شەھىرى بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/20

ماردىن شەھىرى بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟
ماردىن شەھىرى بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟
ماردىن شەھىرى بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/20

 

ماردىن شەھىرى بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

 

ماردىن شەھىرى بىلەن تونۇشۇشنى خالامسىز؟

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا سىلەرگە ماردىن شەھىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

*** *** **** ****** *****

ماردىن مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى ۋە جوڭغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن زىيارەت قىلالىشىڭىز مۇمكىن بولغان ئەڭ پەرقلىق شەھەرلەردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىغا جايلاشقان بۇ شەھەر مېزوپوتاميا ئويمانلىقىنىڭ ئۇدۇلىدا، ئۆزىگە خاس بىناكارلىقى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. زىيارەتچىلەرنى گويا شەرقنىڭ ئەپسانىۋىي ئۆتمۈشىنى سەيلە قىلغاندەك تۇيغۇغا چۆمدۈرمەكتە.

دىجلە ۋە فىرات دەريالىرى ئوتتۇرىغا جايلاشقان ماردىن شەھىرى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرگە ۋە دىنلارغا باغرىنى ئاچقان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر شەھەر ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ رايوندىكى ئولتۇراقلىشىش تارىخىنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000يىللىرىغا تۇتۇشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. رەت بويىچە ئەڭ دەسلەپ ئاسۇرلارنىڭ، ئاندىن ھىتىتلار، ئۇرارتۇلار ۋە مەدلەرنىڭ ھاكمىيىتىگە ئۆتكەن بۇ شەھەر، رىملار ئانادولۇدا ھاكىمىيەت سۈرگەن دەۋرلەرنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ۋىزانتىيەلىكلەرنىڭ ئارقىدىن 11ئەسىردە تۈرك يۈرتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. 

ماردىن قەدىمىي يېپەك يولىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، يۇقىرى مېزوپوتاميانىڭ ئەڭ قەدىىي ئولتۇراق رايونلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.  شەھەرنىڭ ئومۇمىي كۆرىنىشىگە قارىغاندا، دىققىتىڭىزنى ئەڭ دەسلەپ سېرىق كالكەر تېشىدىن ياسالغان ئۆيلەر ئۆزىگە تارتىدۇ. پۈتۈن دۇنياغا نامى پۇر كەتكەن بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى مېزوپوتامياغا ئېچىلىدۇ. توپىلىكنىڭ ئەگىمى ئەستىگە ياسالغان بولغاچقا بۇ ئۆيلەر ئاز دېگەندىمۇ 2 قەۋەتلىك ياسالغان ۋە بىرسىنىڭ سايىسى يەنە بىرسىگە چۈشمەيدىغان شەكىلدە لايىھىلەنگەنلىكى بىلەنمۇ مەشھۇر. كەلكەر تېشى ئۆيلەرنى يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق تۇتىدۇ. سېرىق كەلكەر تاشلىرىغا مېزوپوتاميا قوياشى چۈشكەن چاغدا شەھەر گويا ساپ سېرىق كۆرۈنۈپ، ھېكايە چۆچەكلەردىكى شەھەرلەردەك تۈسكە كىرىدۇ. شۇڭا ماردىن «قوياش شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ماردىن گويا ئۇستى ئوچۇق مۇزىيغا ئوخشايدۇ. ماردىندا كۆرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن جايلار بار. بۇلاردىن بىرسى دەرا ئانتىك شەھىرى بولۇپ، ئۇ خۇددى ماردىنغا ئوخشاشلا قەدىمىي مېزوپوتاميانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئولتۇراق رايونلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ 40 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستى شەھىرى سىزنى باشقىچە تەسىرلەندۈرىشى مۇمكىن. شەھەر تۈگمىنى، چىركاۋى، بازىرى ۋە سۇ ئامبىرىمۇ كۆرۈشكە تېگىشلىك مۇھىم جايلىرى ھېسابلىنىدۇ. 

ماردىننىڭ سىمۋولى دەپ بىلىنىدىغان قەدىمىي قۇرۇلۇشلاردىن بىرسى دەيرۇلزافاران موناستىرىدۇر. ئۇ مىلادىدىن كېيىنكى 5ئەسىردە ياسالغان، بىراق كېيىنكى دەۋرلەردىكى قوشۇمچە قۇرلۇشلار ئارقىلىق بۈگۈنكى كۆرۈنۈشىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. بۇ موناستىر سۇريانى ئورتودوكىسلارنىڭ دىنىي مەركەزلىرىدىن بىرسى بولغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىبادەتخانە سۈپىتىدە پائالىيەت قىلماقتا.

ئۇلۇجامى ماردىن شەھەر مەركىزىدىكى مۇھىم يادىكارلىقلاردىن بىرسى، يەنى ئانادولۇنىڭ ئەڭ قەدىمىي جامىلىرىدىن بىرسى بولۇپ، ئۇ 12ئەسىردە ياسالغان ئىدى. بىناكارلىقى جەھەتتىكى كۆركەملىكى بىلەن ئومۇمىي شەھەر مەنزىرىسىدە مەركىزىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلۇجامىدىن باشقا يەنە، شەھىدىيە جامى، مەلىك مەھمۇت جامى، لەتىفىيە جامى ۋە نەجمىددىن جامىمۇ زىيارەتكە قىلىشقا ئەرزىيدىغان جايلار قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. 

زىنجىرىيە مەدرىسىسى 14ئەسىردىن كۈنىمىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن ئەڭ گۈزەل قۇرۇلۇشلاردىن بىرسى، ئۇنىڭ قىزىقارلىق بىر ھېكايىسىمۇ بار. مەدرىسىنى سالدۇرغان ئىسا بەي، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خېلى مەزگىلگىچە مۇشۇ جامەدە ئەسىر تۇتۇلغان ۋە تۈرمىدە يېتىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

تېخى يېقىنقى مەزگىلدە ياسالغان قاسىمىيە مەدرىسىسى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان چاغلاردا رايوننىڭ ئەڭ مۇھىم مائارىپ مەركەزلىرىدىن بىرسى بولغان ئىدى. جامە ۋە مەقبىرىدىن باشقا يەنە، 23 تۈرلۈك دەرسلىكى بولۇپ، ئۇ بىر ئىلىم پەن ۋە مائارىپ كۈللىيەسى سۈپىتىدە ياسالغان ئىدى.

ماردىننىڭ مىديات ناھىيەسىدىكى مور جابرىئېل موناستىرى قەدىمىي سۇريانى جامائىتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ چوڭ بىناكارلىقلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. مور جابرىئېل موناستىرى دۇنيادا ئۆرۈلۈپ چۈشمەستىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالىغان ئەڭ قەدىمىي سۇريانى ئورتودوكس موناستىرى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ئىچكى ۋە تاشقى قىسمىغا بەزى قوشۇمچىلار ياسالغان ئىدى.

مور بېنھام ياكى يەنە بىر ئىسمى بويىچە قىرىقلار چىركاۋى 6ئەسىردىن كۈنىمىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن چىركاۋ بولۇپ، قوڭغۇراق مۇنارى ۋە ياغاچ بىلەن قاپلانغان ئۆزگىچە بىناكارلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. 13ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ماردىن قەدىمىي سۇريانى راھىپلار مەركىزى بولغاندىن كېيىن خەلقنىڭ رۇھانىي ۋە ئىدارىي ئىشلىرى مۇشۇ چىركاۋدىن باشقۇرۇلغان ئىدى.

ماردىن؛ مەدرىسىلىرى، جامىلىرى، چىركاۋلىرى ۋە موناستىرلىرى بىلەن ھەر قايسى دىنلار ئۆزئارا گىرەلەشكەن ھالدا تىنچلىق ئىچىدە ياشىغان بىر شەھەر سۈپىتىدە سىزنى قارشى ئالىدۇ. قەدىمقىي دەۋرلەردە سەيلە قىلىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇغا چۆمدۈرىدىغان كوچىلىرى، تاش ئۆيلىرى، شەھەرگە ھاكىم ئورۇندىكى قەلئەسى، تارىخىي بازارلىرى ۋە قەھۋەخانىلىرى سىزنى گويا سىھىرلىك بىر مۇھىتقا كىرىپ قالغاندەك ھېسقا كەلتۈرىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە ماردىن دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلىرىدىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. سىزمۇ ئەگەر ماردىننى زىيارەت قىلسىڭىز، مۇھىم يادىكارلىقلارنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماردىن مۇزىيىنى ۋە مىديات ناھىيەسىنى چوقۇم سەيلە قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

ماردىن يەنە، «تەلكارى» دەپ ئاتىلىدىغان كۆمۈش قول ھۈنەر سەنئىتى بىلەنمۇ مەشھۇر. ماھارەتلىك ئۇستىلارنىڭ قولىدا پۈتكەن كۆمۈش بويۇملاردىن چوقۇم سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

ماردىن يەنە تاماق تۈرلىرىنىڭ موللىقى بىلەنمۇ مەشھۇر بىر شەھەر. بولۇپمۇ قوۋۇرغا تولدۇرما كاۋىپى، سامبۇسا كاۋىپى قاتارلىق يەرلىك تاماقلىرىنى تېتىپ باقماي تۇرۇپ ھەرگىز ماردىندىن كېتىپ قالماڭ. 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا ماردىن شەھىرىنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر