ھىدرەللەز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ھىدرەللەز» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

ھىدرەللەز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

ھىدرەللەز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

ھىدرەللەزنىڭ ب د ت  مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كونكېرت بولمىغان مەدەنىي مىراسىلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ھىدرەللەز باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە مىلادىيە كالېندارى بويىچە 6 – مايدا تەبرىكلىنىدىغان پەسىللىك بايراملارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئانادولۇدا قىش پەسلىدىن كېيىن، تەبىئەتنىڭ جانلىنىشى بىلەن موللۇق ۋە بەرىكەت ئۈمىدىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان كۈن 6 – ماي بولۇپ، بۇ كۈن ھىدرەللەز دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر، خىزىر ۋە ئىلياس پەيغەمبەرلەرنىڭ يەريۈزىدە مۇشۇ كۈندە ئۇچرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھىدرەللەز تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تەبىىئەتنىڭ جانلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىنى يېڭى يىلغا تەييارلىماقچى بولغان مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان جامائىتى تەرىپىدىن بىرلا كۈندە تەبرىكلەنمەكتە.

ھىدرەللەزدىن بۇرۇن ئۆيلەر تازىلىنىدۇ، ھەر خىل تاماقلار پىشۇرۇلىدۇ ۋە «خىدىرلىق» دەپ ئاتىلىدىغان قۇيۇق دەرەخزارلىقلار ئارىسىدىكى بۇلاق بار ساياھەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، دالا سەيلىسى قىلىنىدۇ. ئۇ يەردە ھەرخىل ئويۇنلار ئوينىلىدۇ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەزى يەرلەردە ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوت يېقىلىپ، دۇئالار ۋە مانىلەرنى ئوقۇغان ھالدا كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم ئاتلىنىدۇ. تىلەكلەر قەغەزلەرگە يېزىلىپ كەچلىكى گۈل ئۆسۈملۈكىنىڭ تۆۋىگە قويۇپ قويۇلىدۇ، ئەتىگىنى كۈن چىقىشتىن بۇرۇن تىلەكلەر يېزىلغان قەغەزلەر توپلىنىدۇ. بەزىدە تىلەكلەر خىزىرغا يېتىشى ئۈچۈن، ئېقىن سۇغا ياكى دېڭىزغا قويۇپ بېرىلىدۇ.

2016 – يىلى تۈركىيە بىلەن ماكېدونىيە بىرلىكتە تەييارلىغان «باھار بايرىمى: ھىدرەللەز» تېمىلىق ماتېرىيالنى ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا سۇندى. تەشكىلات ئىلتىماسقا قاراپ چىقىپ، ھىدرەللەزنى 2017 – يىلى ئىنسانىيەتنىڭ كونكېرت بولمىغان مەدەنىي مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

 

مەنبە:

http://www.edirnekulturturizm.gov.tr

http://aregem.kulturturizm.gov.tr/TR-131540/hidirellez.html

 

 


خەتكۈچ: ھىدرەللەز

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر