ئۆرۈكلۈك ئىنجىك ياھنىسى

«ئۆرۈكلۈك ئىنجىك ياھنىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

ئۆرۈكلۈك ئىنجىك ياھنىسى

ئۆرۈكلۈك ئىنجىك ياھنىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىراسچىسى بولغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى 14 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرگىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بولۇپ، دۇنيادىكى ساناقلىق ئىمپېراتورلۇقلاردىن بىرى ئىدى. 17 – ئەسىردە پايانسىز جۇغراپىيەلەرگىچە يېتىپ بېرىپ، ئۈچ قىتئەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تائاملىرىمۇ كەم دېگەندە شۇ ئىمپېراتورلۇقچىلىك مەشھۇر ۋە تۈرى كۆپ ئىدى. مەسىلەن، فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان تەرىپىدىن ياساتقۇزۇلغان «توپكاپى سارىيى» نىڭ ئاشخانىسى 5 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن چوڭ بولۇپ، 8 بۆلمىدىن تەشكىل تاپاتتى.  بۇ ھەيران قالارلىق ئاشخانىدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ئوخشىمىغان ماتېرىياللار ئىشلىتىلىپ، مىڭلارچە تۈرلۈك تائاملار ئېتىلەتتى. بۈگۈن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئاشىانىسىغا ئائىت بولغان تائاملاردىن «ئۆرۈكلۈك ئىنجىك ياھنىسى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«ئۆرۈكلۈك ئىنجىك ياھنىسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 4 دانە ئىنجىك
  • 7 دانە پىياز
  • 10 دانە قۇرۇتۇلغان ئۆرۈك
  • 1 تال روزېمارىيە
  • 1 دانە قوۋزاق دارچىن
  • 4 چىش سامساق
  • بىر تىلىم ئالما

«ئۆرۈكلۈك ئىنجىك ياھنىسى» ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

  • ئالدى بىلەن، بىر قازانغا ياغ بىلەن سېرىق ماينى قويۇپ، ئوتنى يېقىڭ، ئاندىن گۆشلەرنىڭ ئۈستىگە تۇز ۋە قارىمۇچ سېپىڭ.
  • ياغ ئوبدان قىزىغاندىن كېيىن ئىنجىكلەرنى قازانغا قويۇڭ ۋە ھەر ئىككى تەرىپىنى بەش مىنۇتتەك قىزارتىڭ. يەنى مۆھۈرلەڭ.
  • مۆھۈرلەنگەن ئىنجىكلەرنىڭ ئۈستىگە پىياز، سامساق، ئالما، روزېمارىيە ياپرىقى، قۇرۇق ئۆرۈك ۋە قوۋزاق دارچىن قاتارلىقلارنى ئىلاۋە قىلىڭ. ئۈستىگە بىر قوشۇق سۇ قوشۇڭ.
  • ئوتنى پەسەيتىڭ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىڭ ۋە بىر يېرىم سائەتتەك كۈتۈڭ. پات – پات قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ، سۇيىنى كونتىرول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
  • ئەگەر سۈيى ئاز قالغان بولسا، بىرقانچە قوشۇق سۇ ئىلاۋە قىلىڭ.
  • گۆشلەر پىشقاندىن كېيىن قاچىغا ئېلىپ، ئۈستىگە روزېمارىيە ۋە پىشقان ئۆرۈكنى ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر