ئانگلو-ساكسون لاگېرىنىڭ رۇسىيە بىلەن سۈركىلىشى ۋە تۈركىيەنىڭ تەڭپۇڭ سىياسىتى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ئانگلو-ساكسون  لاگېرىنىڭ رۇسىيە بىلەن سۈركىلىشى ۋە تۈركىيەنىڭ تەڭپۇڭ سىياسىتى

ئانگلو-ساكسون لاگېرىنىڭ رۇسىيە بىلەن سۈركىلىشى ۋە تۈركىيەنىڭ تەڭپۇڭ سىياسىتى

ئەنگلىيەدە رۇسىيەنىڭ سابىق جاسوسى سېرگېي سكرىپال ۋە قىزى يۇليانىڭ «نىرۋا گازى»بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئانگلو-ساكسون گۇرۇھى دەپ ئاتىلىدىغان ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە، كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا كۈچلۈك سۈركىلىش كېلىپ چىقتى. بەزى دۆلەتلەر رۇسىيەلىك جاسوسىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنىڭ كەينىدە رۇسىيەنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.  ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بولۇپ جەمئىي 25 دۆلەت رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە دۆلەتلىرىدە تۇرۇشلۇق  140تەك رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشتى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ، سكرىپالنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەنگلىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى قوماندانلىقى بىلەن ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو ئىزچىل رۇسىيەگە قارشى سىياسەت يولغا قويۇپ كەلدى. دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا رۇسىيەگە قارشى ئايرىم سىياسەت يولغا قويمىدى. ناتو ئەزاسى بولغان تۈركىيە ئەنگلىيەدە رۇسىيەلىك جاسوسنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنى ئەيىبلىدى، بىراق باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش رۇسىيەنى بىۋاستە ئەيىبلەپ تۈركىيەدىكى رۇسىيەلىك دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغان ئىشنى قىلمىدى.

رۇسىيەلىك جاسوس سكرىپالنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا كېلىپ چىققان سۈركىلىش «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»دەۋرىنى ئەسلەتسىمۇ، دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىن ئېغىز ئېچىش تەسرەك. چۈنكى رۇسىيەنىڭ ئۆزىگە يېقىن دۆلەتلەرنى تەشكىللەپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش لاگېر بەرپا قىلىشىنى ئويلاش ئەقىلگە تازا مۇۋاپىق ئەمەس. رۇسىيەنىڭ قىرىمنى مەجبۇرىي زېمىنىغا قوشۇۋېلىشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبىدىن رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش چىقىشى، ئىقتىسادىي ئۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغان دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي ئېمبارگو قاتارلىق سەۋەبلەر ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى تېخىمۇ كەسىنلەشتۈرۈۋەتتى. ئەنگلىيەدىكى سابىق رۇس جاسوسى سكرىپالنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشى تەرەپلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈۋەتتى، دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن غەرب دۇنياسى ئىچىدىكى زىددىيەتلەر ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە مۆتىدىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كېلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم.

رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە تەڭپۇڭ تاشقى سىياسەت يولغا قويۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە بۇ مەسىلىدە بىر تەرەپكە تەۋە بولۇشتىن بەكرەك دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ھەرىكەت قىلماقتا.  سكرىپال ۋەقەسىدە تۈركىيە ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن رۇسىيەلىك دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارمىدى. مەسىلەن، بۇ قېتىم ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئۇلىنى سېلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتى بىرلىكتە قاتناشتى. ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى 4 رېئكاتوردىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، بىرىنچى رېئاكتورنى 2023-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانماقتا. ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى 4800 مېگاۋات توك ئىشلەپچىقىرىپ تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ %10نى قامدىيالايدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ.

نۆۋەتتە تۈركىيە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە دەسلەپكى قەدەمدە رۇسىيەدىن تۈركىيەگىچە، ئىككىنچى باسقۇچتا بالقان دۆلەتلىرىگىچە سوزۇلىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە تەرىپىدىن يولغا قويۇلىۋاتقان بىر قىسىم ئېنېرگىيە لايىھەلىرى بىلەن تۈرك ئېنېرگىيە ئېقىمى لايىھەسى تۈركىيەنى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا تاشلانغان مۇھىم قەدەملەر ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە رۇسىيە بىلەنلا ئەمەس ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. دەرۋەقە، رۇسىيەدىن  « S-400  » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان تۈركىيە، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئېلىش ئۈچۈنمۇ قارشى تەرەپ بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە. تۈركىيە يەنە ئىتالىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالىدى. تۈركىيە يەنە « F-35 »تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان دۆلەتتۇر.

تۈركىيە بىلەن ناتوغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك-ي پ گ مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى تامامەن پەرقلىق بولماقتا. رۇسىيە بىلەن قىرىم، ئۇكرائىنا ۋە غۇتا مەسىلىسىىدە كېلىشەلمىگەن تۈركىيە، تەڭپۇڭ سىياسەت يولغا قويۇپ دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى چاممىسىنىڭ يېتىشىچە قوغداپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر