كوردلار ئىسلامنىڭ زادى نېمىسى؟ (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (13)

كوردلار ئىسلامنىڭ زادى نېمىسى؟ (ئاۋازلىق)

كوردلار ئىسلامنىڭ زادى نېمىسى؟

 

دۇنيا كۆزنىكى (13)

«كوردلار ئىسلامنىڭ زادى نېمىسى؟»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «كوردلار ئىسلامنىڭ زادى نېمىسى؟» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئىبراھام لىنكولىننىڭ «ھەممەيلەننى بەزىدە، بەزىلەرنى ھەر دائىم، لېكىن ھەممەيلەننى ھەممىلا ۋاقىتتا ئالدىيالمايسەن» دەيدىغان مەشھۇر بىر سۆزى بار. پىكىر بۇرمىلاش ئۇيۇنلىرى مەلۇم يەرگىچە ئاقىدۇ. ئامما ئاشكارىلىنىش بولسا، ھەقىقەتنىڭ قىسمىتىدۇر.

غەرب مېدىيالىرى پ ك ك/ پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى گويا ئەركىنلىك جەڭچىلىرىدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى كوردلارغا ۋەكىللىك قىلارمىش. بۇ تەشكىلاتقا قارشى كۈرەش، كوردلارغا قارشى كۈرەش ھېسابلىنامىش. ئۇلارنىڭ قىلغان يارىدىمىمۇ كوردلارغا قىلغان ياردەممىش. شۇڭا ئۇلار تۈركىيەنىڭ ئافرىندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى گويا كوردلارغا قارشى ھەرىكەتتەك كۆرسىتىشكە بار كۈچى بىلەن تىرىشماقتا. بۇ خىل جۈملىلەرنى ئەپسۇسكى، ئەلجەزىرەگە ئوخشاش قاناللارمۇ ئىشلەتمەكتە.

 

كوردلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچىلار كورد تېررولۇق تشكىلاتلىرىدۇر

 

ئەسلىدە كورد خەلقىگە ئەڭ چوڭ يامانلىقنى قىلغانلار ۋە قىلىۋاتقانلار كورد تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ، تۈركىيەدە بۇ تەشكىلات تۈپەيلىدىن 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىنسان قۇربان بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربان بولغانلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى يەنىلا كوردلاردۇر. 

پ ك ك ماركىسىزم ۋە لېنىنىزم ئىدىيەسىنى شۇنداقلا تېررورلۇق ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلمىغان كوردلارنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا. شۇڭا تۈركىيەنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدىن مىليونلىغان كىشى تۈركىيەنىڭ غەربىگە، بولۇپمۇ ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەتتى. بۇ كۆچۈشلەر ئارقىلىق ئىستانبۇل تۈركىيەدە كورد خەلقى ئەڭ كۆپ ياشايدىغان شەھەرگە ئايلاندى. پ ك ك تېررورلۇقىدىن قاچقان كىشىلەرنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى كورد رايونلىرىغا ئەمەس، بەلكى تۈركلەر تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلاشقان ئىچكى رايونلىرىغا كۆچىشىنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە بولسا، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىرقىي تازىلاشنى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى تارمىقى بولغان پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەدە ئېلىپ بارماقتا. ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەنىڭ چېگراسىدىن ئاق دېڭىزغا قەدەر بىر تېررورلۇق كارىدورى شەكىللەندۈرۈشنى نىشان قىلغان پ ي د، ئۆتمۈشتە پ ك ك قىلغانغا ئوخشاش يەرلىك كورد خەلقىنى ھەمدە ئۆزىنى قوللىمىغان يەرلىك ئەرەبلەرنى ۋە تۈركمەنلەرنى يۈرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارماقتا. شۇ ۋەجىدىنلا يۈز مىڭلىغان كورد خەلقى تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تېلىمەكتە. دائېشتىن قاچقانلار بىلەن بىرلىكتە بۈگۈن مىليونلىغان سۈرىيە پۇقرالىرى تۈركىيەدە ياشىماقتا.

كوردلار ئارىسىدا بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللايدىغانلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. لېكىن بۇ قوللاشنى ئاساس قىلىپ، پ ك ك نى كوردلارنىڭ ۋەكىلى دەپ قاراش، خۇددى گىتلېرنى بارلىق گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ۋە مۇسسولىنىنى بارلىق ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىغان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. 

غەرب ئاخباراتلىرى كۆپىنچە «نېمە ئۈچۈن كوردلارنىڭمۇ ئايرىم دۆلىتى بولمىسۇن؟» دەپ سورىشىدۇ. بىراق بۇ سوئالنى سورىغۇچىلار «نېمە ئۈچۈن 50 ئىشتاتتىن تەركىپ تاپقان ئامېرىكىدىكى ئوخشاش بولمىغان ئىرقلارغا مەنسۇپ خەلقلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم دۆلىتى بولمىسۇن؟» دەپ قەتئىي سوراپ باقمايدۇ.

خۇددى شۇنىڭدەك ئوتتۇرا شەرقتىكى پۈتۈن بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان غەرب دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن كاتولونىيەنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللىمايدۇ؟

بەلكى دەل ئەكسىچە گېرمانىيە ھېچ قانداق تېررورلۇق پائالىيىتىگە ئارىلاشمىغان تۇرۇغلۇق نېمە كاتولونىيە مەستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى چارلېس پۇگدېمونتى قولغا ئالىدۇ؟

ئەسلىدىكى مەسىلە ھەر بىر مەللەتنىڭ ئايرىم دۆلىتى بولۇشى ئەمەس، «بۆل، پارچىلا ۋە باشقۇر» سىياسىتىدىن ئىبارەتتۇر. خۇددى ئېدمۇند بۇرك فىرانسىيە ئىنقىلابىنى ھەقلىق يوسۇندا تەنقىد قىلغاندا ئېيتقاندەك «يالتىراق تېرمىنلەرنىڭ نېمىگە خىزمەت قىلىۋاتقىلىقىدۇر»

ئەسلى مەسىلە ھەر بىر مىللەتنىڭ ھەتتا ھەر بىر بەگلىك، ئەمىرلىك ۋە شەھەرنىڭ بىر دۆلەت بولۇش مەسلىسى بولىدىغان بولسا، بۇنى دىيارىمىز بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم تەجرىبە قىلىپ بولغان. ئەھلى سەلىب ئۇرۇشى جەريانىدا ئوتتۇرا شەرقتە نۇرغۇن ساندا بەگلىك، ئەمىرلىك ۋە شەھەر دۆلەتلىرى بار ئىدى. شۇنىڭدەك ئانادولۇمۇ تۈرك بەگلىكلىرى ئارىسىدا بۆلىشىلگەن ئىدى. تۈركلەر، كوردلار، ئەرەبلەر ئۆز ئىچىدە نۇرغۇن پارچىلارغا بۆلۈنگەن ئىدى. نەتىجە نېمە بولدى؟ بۇ پارچىلىنىش تۈپەيلىدىن ئاساسەن دېگۈدەك ئىشغال قىلىنمىغان بىرمۇ مۇسۇلمان يۇرتى قالمىدى. مەيلى نېمە سەۋەب بىلەن بولمىسۇن، پارچىلىنىش بىر قېتىم باشلىدىمۇ؟ بۇنىڭ قەيەرگە بېرىپ توختايدىغانلىقى پارچىلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىگە تاشلانغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا قارىماستىن، يەنە غەربنىڭ تەسىرى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ بىر قىسمى ئىلگىرىكىدەك پارچىلىنىش يولىغا ماڭدى. مانا ئەمدى 23 ئەرەب دۆلىتى بار. ئىراق، سۈرىيە ۋە بەزى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ بەك پارچىلىنىشىغا دائىر پىلانلار سۆزلىنىپ يۈرمەكتە. بۇ ھالى بىلەن ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرى تارىخىدىكى ئەڭ ئاجىز، ئەڭ ئېچىنىشلىق دەۋرلىرىدىن بىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ يۈز بەرگەن ئىچىنىشلىق ئەھۋاللار ئوچۇق - ئاشكارا ئوتتۇرىدا تۇرغان ۋەزىيەتتە، كوردلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق خەلقلىرى تېخىمۇ بەك پارچىلىنىشنى ئەمەس، پۈتۈنلىشىشنى، بىرلىشىشنى ۋە ئورتاقلىشىشنى سۆزلىشىشى لازىم. 

 

سىكۇلارىزم ئېقىمىدىكى كوردلار ياخشى كوردلارمۇ؟

 

غەرب ئاخباراتلىرى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى سىكۇلارىزم ئىددىيەسىدىكى تەشكىلات دەپ قارايدۇ، شۇڭا مەدھىيەگە، كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ياردەمگە لايىق كۆرىدۇ. ئىسلام قەستەن تېررورىزم بىلەن چېتىشلىق كۆرسىتىلىپ، سىكۇلارىزمنى ئۆزلەشتۈرگەن كوردلارنى نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ. سىكۇلارىزم خۇددى چوڭ چارىدەك سۇنىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال بىر ئويدۇرما فانتازىيە سەھنىسى ۋە پىكىر بۇرمىلاش ئويۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئۆلۈم ۋە زۇلۇمدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپەتمۇ 1- ۋە 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاساسەن سىكۇلارىزم ئېقىمىدىكى دۆلەتلەر ۋە ياكى شۇ خىل ئىدىئولوگىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى يۈز بەرگەن ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن. ئېمپېرىيالىستلارغا نىسبەتەن ئىدىئولوگىيەسىنىڭ سىكۇلارىزم ياكى ئەمەسلىكى مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئېكىسپاتاتسىيە قىلىش. شۇڭا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلىشى، قانداقتۇر ئۇلارنىڭ سىكۇلارىزم ئىددىيەسىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ بەك سۇيىئېستىمال قىلىشقا بولىدىغان ھالدا ئىكەنلىكىدىندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز خەلقىنىڭ جەمئىيەت، كۈلتۈرى ۋە دىنىي قىممەت قاراشلىرىدىن رىشتىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن، ئۆز خەلقىگە ياتلىىشىپ قالغان، مەيلى سىكۇلارىزم ياكى باشقا ھەرقانداق ئېقىمدىكى تەشكىلات ۋە ياكى دۆلەتلەر تېخىمۇ بەك ئىمپېرىيالىست دۆلەتلەرگە تايىنىشقا خۇشتار بولىدۇ.

 

بۇ بارلىق بۇرمىلاشلار زادى نېمە ئۈچۈن قىلىنماقتا؟

 

«تارىخ ئىبرەت ئېلىنمىغان تەقدىردە تەكرارلىنىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. بۈگۈن ئەتىنىڭ تۈنۈگۈن بولسا بۈگۈننىڭ ئەينىكىدۇر. تارىخقا قارايدىغان بولساق، ئوتتۇرا شەرقنىڭ 3 ئاساسلىق قۇرغۇچى ئامىللىرىدىن بىرسى بولغان كوردلار، ئەرەبلەر ۋە تۈركلەر قانچلىك بىرلەشكەنسىرى شۇنچلىك خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن. يەرشارىي خاراكتېلىق ئاكتىيورلارغا ئايلىنالىغان. قانچىلىك پارچىلانغانسىرى شۇنچىلىك كۆز يېشى، ئۆلۈم ۋە زۇلۇمغا دۇچار بولۇشقان. يەر شارى خاراكتېرلىك قاراڭغۇ كۈچلەرنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قىلىشقان. ئەرەب كورد ۋە تۈركلەرنىڭ بىرلىكى تارىختا رايونىمىزغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەھلى سەلىب ئۇرۇشلىرىنى توسۇپ قالالىغان. ئەشۇ بىرلىك بىلەنلا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قۇددۇس، كورد قوماندان سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ قولىدا قۇتقۇزۇلغان ۋە رايوندا مۇقىملىق بەرپا قىلىنغان.

ئەمدىلىكتە بولسا، غەربتىكى بەزى مەركەزلەر تارىختا دائىم قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلىرىنى يەنە بىر قېتىم سىناق قىلماقتا. ئەسىرلەر بويىچە بىرلىكتە ياشىغان ۋە ئىسلامنىڭ بايراقدارلىقىنى قىلغان ئوتتۇرا شەرقنىڭ قۇرغۇچى ئامىللىرىدىن بىرىنى ئۆز يېنىغا تارتىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ مەقسەت ئۈچۈن كوردلارنى ئىمپېرىيالىست ھۇجۇملىرىنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئەھلى سەلىب ئۇرۇشلىرى جەريانىدا بۇ رولنى رايوندىكى يەرلىك خىرىستىيانلار ۋە ئەرمەنلەرنىڭ بىر قىسمى ئوينىغان بولسا، ئەمدىلكتە ئىسرائىلىيە رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشاش رولنى ئوينىماقتا. تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان خەلقلەرنى زامانىۋىي ئېمپېرىيالىزم ھۇجۇملىرىنىڭ بەزى دۆلەتلەردىكى يېڭى ئەھلى سەلىب ئۇرۇشلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىرىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشنى ئويلاشماقتا. بۇ مەقسەت ئۈچۈن كوردلارنىڭ ماركىست/ لنېنىست بىر تەشكىلاتنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشى تەلەپ قىلىنماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرمەكتە. بىراق ئەسلى مەقسىدى مۇسۇلمانلار مەھەلىسىدە توڭگۇز گۆشى ساتىدىغان بىر خەلق توپى يارىتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئېلىپ بېرىلغان شۇنچە بۇرمىلاشلارغا، پىكىر ئۆزگەرتىش قىلتاقلىرىغا قارىماستىن، كوردلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى بۇ ئويۇننى كۆرۈپ يېتىپ قارشى تۇرماقتا.

ئىشىنىمىزكى، تۈركلەر، كوردلار ۋە ئەرەبلەردىن ئىبارەت رايون خەلقىنىڭ مىڭ يىللىق ئىدراكى يەنە غالىپ كېلىدۇ. رايونىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى ئىمپېرىيالىست، يېڭى ئەھلى سەلىپ ھۇجۇملىرى ئۈچۈن ئەمدى ئويۇنچۇققا ئايلانمايدۇ.  

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر