پ ك ك –ي پ گ بىلەن دائېشنىڭ مۇناسىۋىتى

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك - ي پ گ بىلەن دائېشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا

پ ك ك –ي پ گ بىلەن دائېشنىڭ مۇناسىۋىتى

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك –ي پ گ بىلەن دائېش  ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەققىي مۇناسىۋەت ئاشكارە بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەسلىدە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە تايىناتتى، بۇ ئەھۋالنى بەزى مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ مەنبەرلەردىن ئۆگەندۇق.

پ ك ك – ي پ گ بىلەن دائېش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئىسپات بولالايدۇ: پ ك ك – ي پ گ راققە شەھىرىنى بېسىۋالغاندا دائېش تېررورچىلىرى پ ك ك لىقلار بىلەن ئالدىن كېلىشكەن بويىچە توپ-توپ ھالدا ئاپتوبۇسلارغا مىنىپ شەھەرنى تاشلاپ كەتتى، بۇ ئەھۋال ۋىدېئوغا ئېلىندى ۋە تارقالدى. 2014-يىلى دائېش تېررورچىلىرى راققەنى ئىشغال قىلىۋېلىپ پايتەخت قىلىۋالغانىدى، 2017-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىغا كەلگەندە پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ياردىمى بىلەن  راققەنى ئاسانلا دائېشچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن تارتىۋالدى. نەتىجىدە دائېش تېررورچىلىرى ئاپتوبۇسلارغا مىنىپ مارقادا، ئەل سۇۋار ۋە دەير-ئەز زور رايونلىرىغا يۆتكەلدى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دائېش تېررورچىلىرى بىلەن پ ك ك- ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ ئالدىن كېلىشكىنى بويىچە بولغانلىقى مەلۇم. ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئارىسىدىكى كېلىشىم ۋە دائېشچىلارنىڭ ئاتالمىش پايتەختىنى تاشلاپ باشقا رايونلارغا يۆتكىلىشى توغرىسىدا BBC مۇخبىرلىرىدىن كىۋىنتىن سوممېرۋىللې ۋە رەئىم دالات مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ چىقتى.

راققەدە پ ك ك – ي پ گ بىلەن دائېش ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئامېرىكا بىلەن خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىمۇ ئېتىراپ قىلغان. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون باياناتچىلىرىدىن ئېرىك پاخون تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىمنىڭ تامامەن يەرلىك خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «شىرىكلىرىمىز بىلەن ھەر ۋاقىت كېلىشەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. لېكىن بىز ئۇلارنىڭ ئۆز مەسىلىلىرىگە چارە تېپىش ئۇسۇللىرىغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېدى. بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى باياناتچىسى ئوفېستىر رىيان دىللونمۇ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر يېزىپ بۇ ئەھۋالنىڭ «سىر»ئەمەسلىكىنى يازدى.

2017-يىلى 15-نويابىردا تۈركىيەگە تەسلىم بولغان ۋە ئارقىدىنلا ئەنگلىيەدە چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان س د گ باياناتچىسى تالال سىلو، تەشكىلاتىنىڭ راققەدە كېلىشىم تۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ئوخشاش كېلىشىمنى مەنبىچتىمۇ تۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. سىلو پ ي د –ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ مەنبىچنى تاشلاپ كەتكەن دائېش تېررورچىلىرىغا تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردىن ئەركىن ئۆتەلىشى ئۈچۈن 200 دوللارلىق ساياھەت كىنىشكىسى ساتقانلىقىنىمۇ ئېيتتى. س د د تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى شاھىن جىلونىڭ ئامېرىكا بىلەن كېلىشكەنلىكىنى ۋە مەنبىچنىڭ «ئازاد» قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا 2000 دائېشچىنىڭ يەرلىك خەلقنى قالقان قىلىپ شەھەردىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن  سىلو، س د گ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دائېش تېررورچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ جەرابلۇسقا كېتىشىگە رۇخسەت قىلىشىنىڭ ئامېرىكا بىلەن س د گ ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان تۇنجى كېلىشىمىنىڭ روھىي بويىچە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. يەنە بىر كېلىشىمنىڭ فىرات دەرياسىدىكى تابقادا ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان تالال سىلو، شاھىن جىلونىڭ پ ي د – س د گ غا ۋاكالىتەن ئامېرىكىلىقلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دائېش تېررورچىلىرىنىڭ بىخەتەر قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئەھۋاللاردىن دائېش بىلەن پ ي د – ي پ گ ئارىسىدا ئۆز-ئارا مەنپەئەتكە تايانغان مۇناسىۋەت بارلىقىنى ئاسانلا كۆرۈۋالالايمىز.

تالال سىلو ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ پ ك ك نىڭ دەير ئەز-زور ۋە ھاسەكەدىكى نېفىتنى  قانداق باشقۇرغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ي پ گ ۋە پ ك ك 2012-يىلى رەمەيلاندىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن باشقۇرۇشقا باشلىدى. دەسلەپ بۇ قۇدۇقلاردىن قېزىپ چىقارغان نېفىتلارنى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردىن ئېكسپورت قىلاتتى، پ ك ك كاتتىباشلىرىنىڭ جەزىرەدىكى پۇل ھېسابلىرىغا ئەلى شەير ئىسىملىك شەخس قارايتتى، ئەلى شەير بولسا كامىشلىدا ياشايدۇ. بۇ شەخس پ ك ك كاتتىباشلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىدۇ، نېفىت كېلىشىمى تۈزۈلگەندە بۇ شەخس چوقۇم سورۇندا ھازىر بولىدۇ. نېفىتتىن قانچىلىك كىرىم  بولىدىغانلىقىنى پەقەت بۇ شەخسلا بىلىدۇ، بۇ پ ك ك نىڭ سىرىدۇر. ئەلى شەير 2012-يىلدىن بۇيان نېفىت ئېكسپورت قىلىپ كەلمەكتە، بۇرۇنلاردا نېفىت ئېكسپورتى پەقەت دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردىن ئېلىپ بېرىلاتتى، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئوفېستىرلىرىدىن ئەل-قاتىرجى پ ك ك دىن نېفىت ئىمپورت قىلىشقا مەسئۇل، ھەتتا شاھىن جىلونىڭمۇ بۇ ئىشقا ئارىشالمايدىغانلىقىنى دېيىشتى. نېفىت مەسىلىسى  پ  ك ك نىڭ سىرى ئىدى. مەن خېلى سۈرۈشتە قىلىپ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپتىم، تەشكىلات نېفىتتىن كېلىدىغان پۇللارنى دەسلەپ لىۋان بانكلىرىدا ھېساۋات ئاچتۇرغان ئادەملىرىنىڭ ھېساۋاتىغا ئەۋەتەتتى، ئارقىدىن ياۋروپاغا يۆتكەيتتى. بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلارنىڭ ھەممىسى پ ك ك لىقتۇر. بۇ ئىش بىز ئويلىغاندىنمۇ چوڭ، ھەر كۈنى يۈزلەرچە نېفىت ماشىنلىرى بىلەن نېفىت يۆتكىلەتتى. »

پ ك ك –ي پ گ كېيىنچە دەير-ئەز-زور رايونىدا ئىشغال قىلمىشلىرىنى باشلىۋەتتى، دائېش تېررورچىلىرى بولسا ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان جايلارنى بىر پاي ئوقمۇ ئاتماي پ ك ك – پ ي د  تېررورچىلىرىغا قوش قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇ ئەھۋالنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ بۇ ئەھۋال سىزنى ئويلاندۇرمامدۇ؟

پ ك ك – ي پ گ دەير-ئەز زور شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا دائېش تېررورچىلىرى بىلەن يەنە كېلىشتى. كاسىيون (Qasioun) خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن كېلىشىم تېكىستى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر كېلىشىمدە ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوق چىقىرىشنى توختىتىش توغرىسىدا كېلىشكەن. كېلىشىم نەتىجىسىدە پ ك ك –ي پ گ  دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتتى، دائېش تېررورچىلىرى بولسا رايوننى پ ك ك – ي پ گ لىقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ سۈرىيەنىڭ شەرقتىكى رايونلىرىغا چېكىندى، پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرى بولسا دەير ئەز-زور شەھىرىنىڭ شەرقىنى ئاسانلا ئىشغال قىلدى.

سۈرىيەدە پ ك ك – ي پ گ نىڭ ئىشغال قىلمىشلىرىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلگەندىن سىرت، تۈركىيەگە قارشى دائېش تېررورچىلىرى بىلەن ھەر تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانماقتا. پ ك ك – ي پ گ نىڭ راققە ۋە دەير ئەز-زوردىكى ئاتالمىش تۈرمىلىرىدىكى دائېش تېررورچىلىرى تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى. دائېش تېررورچىلىرى تۈركىيەگە ئاكتىپ ھالدا ھۇجۇم قىلمىسىمۇ، لېكىن تۈركىيە ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان ئىدلىب ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان رايونلارغا سوقۇنۇپ كىرىپ تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، پ ك ك – ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى يۇقىرىدا ئىسمى قەيت قىلىنغان شەخسلەرنى ئالدىغا چىقىرىپ خەلقئارادا تۈركىيەنى دائېش بىلەن «تىل بىرىكتۈرگەنلىكى»توغرىسىدا تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – ي پ گ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش شەرتى بىلەن ئافرىن تۈرمىلىرىدىكى دائېش تېررورچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئەھۋال توغرۇلۇق چىققان يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا پ ك ك – ي پ گ نىڭ بېشىنى سوقۇشقا يەر تاپالمايۋاتقان دائېش تېررورچىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشى تۇرمۇش ۋەدە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن دائېشچىلارنىڭ بىر قىسمى فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىن ئافرىنغا يۆتكەلگەن.

مەملىكەتلىرىگە قايتالمىغان لېكىن جەڭگە ماھىر بومبا ياسىيالايدىغان قابىل دائېشچىلاردىن پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانماقتا. ھەتتا پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرى دائېشچىلارغا ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلىسە ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ تېررورچىلار تىزىملىكىدىن ئىسىملىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا ۋەدە بەرگەن. بۇ ئەھۋالدىن دائېشقا « زەربە بېرىۋاتقان » ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بولۇپ نۇرغۇن دۆلەت قوللاپ كېلىۋاتقان پ ك ك –ي پ گ نىڭ ئىككى يۈزلۈمىچىلىكىنى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىدىيە، دۇنيا قاراش جەھەتتىن ئۆزىگە تامامەن زىت بولغان دائېشتەك تەشكىلات بىلەنمۇ تىل بىرىكتۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

پ ك ك – ي پ گ ئىشغال قىلىۋالغان رايونلاردا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش، رايوننىڭ نوپۇز قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش غەرىزىدە ئەرەب ۋە تۈركمەن نوپۇسىنى كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇرلىماقتا. پ ك ك –ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاتالمىش تۈرمىلىرىدىكى گېپىنى ئاڭلىمايدىغان دائېش تېررورچىلىرىنىمۇ كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈپ تۈركىيەگە ئەۋەتمەكتە. شۇنداقلا، تېررورلۇق تەشكىلاتى يەنە ئارىسىدا دائېشچىلار بولغان مۇساپىرلار توپىنى تۈركىيە-سۈرىيە چېگراسىدىكى تۇنېللار ئارقىلىق تۈركىيەگە يوللىماقتا.

ئامېرىكىدىكى « Nation » (دۆلەت، مىللەت)ژۇرنىلىنىڭ 2017-يىلى 9-فېۋرالدا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا پ ي د – ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ۋە ئون مىڭلارچە ئىنساننى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ي پ گ نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ئون مىڭلارچە ئەرەب ۋە كۈرت (كورد)ئاھالىنى سۈرگۈنگە مەجبۇرلاپ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا دىققەت تارتىدىغان مۇنداق نۇقتا بار: ي پ گ نىڭ رايوندا دائېش بىلەن ئۇرۇش قىلمىغانلىقى، ئەكسىچە دائېش بىلەن توقۇنۇشقان كۈچلەرگە توسالغۇ بولغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. مەزكۇر دوكلاتتا يەنە پ ي د – ي پ گ نىڭ دائېش بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر