ئاللاھنى ئۇنۇتقانلار ئۇنۇتىلىدۇ

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 41 (ئاۋازلىق)

ئاللاھنى ئۇنۇتقانلار ئۇنۇتىلىدۇ

ئاللاھنى ئۇنۇتقانلار ئۇنۇتىلىدۇ

 ئەزىز قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنى ئۇنۇتقان، شۇ ۋەجىدىن ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنۇتقان ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردىن بولماڭلار. ئەنە شۇلار ھەقىقەت يولدىن چىققانلاردۇر» (سۈرە ھەشىر 19 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنىڭ ھەققىنى قوغدىغىن، ئۇمۇ سېنى قوغدىسۇن، ئاللاھنىڭ ھەققىنى قوغدىساڭ، ئۇنى ھەر دائىم يېنىڭدا ھېس قىلىدىغان بولىسەن» (تىرمىزى/قىيامەتنىڭ سۈپەتلىرى بابى، 59 - ھەدىس)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىيەنى ئابدۇللاھ بىلەن بىرگە سەپەرگە چىققان بولۇپ، يولدا ئۇنىڭغا: «ئوغلۇم، مەن ساڭا بەزى تەۋسىيەلەردە بولماقچىمەن، ئۇلارنى ھەرگىز ئەقلىڭدىن چىقارمىغىن» دېدى. ئاندىن بۇ ياش ساھابىگە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەتئىي ئۇزۇپ قويماسلىقىغا دائىر مۇنداق نەسىھەتلەرنى قىلدى:

«ئاللاھنىڭ ھەققىنى قوغدىغىن، ئۇمۇ سېنى قوغدىسۇن، ئاللاھنىڭ ھەققىنى قوغدىساڭ، ئۇنى ھەر دائىم يېنىڭدا ھېس قىلىدىغان بولىسەن. بىرەر نەرسە تىلىمەكچى بولغاندا پەقەت ئاللاھتىنلا تىلىگىن! ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولساڭ، ئاللاھتىنلا ياردەم تەلەپ قىلغىن. شۇنى بىلگىنكى،  پۈتۈن مەۋجۇتلۇق ساڭا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقىسى ساڭا ياردەمدە بولالمايدۇ. ساڭا زىيان سېلىش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ تەقدىر قىلمۇغىچە باشقىسى ساڭا ھېچقانداق زىيان سالالمايدۇ» (تىرمىزى/قىيامەتنىڭ سۈپەتلىرى بابى، 59 - ھەدىس)

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ھەممىمىز ئىنسان. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بەزىدە قوشنىمىز، ئائىلىمىز ۋە دوست – يار، بۇرادەرلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز. يەنە بەزىدە ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى، يېتىم ۋە مۇھتاجلارنى ئۇنتۇپ قالساق، بەزىدە، ئۆز - ئۆزىمىزنى، ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بىراق بىر ئىنسانغا نىسبەتەن بۇلاردىنمۇ ئەڭ يامىنى، يارىتىلىش غايىسىنى ۋە ھېكىمىتىنى ئۇنتۇپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەقىقىي زىيان كىشىنىڭ ئۆز رەببىنى ئۇنۇتقان ھالدا تۇرمۇش كەچۈرىشىدۇر. ئاللاھقا بەرگەن بەندىچىلىك ئەھدىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش، دۇنيانىڭ پانى بولۇشتىن ئىبارەت ھەقىقىتىنى ئۇنتۇپ، ھېساب كۈنىگە، تارازا- مىزانغا ۋە ئاخىرەتكە سەل قاراشتۇر. شۇڭا رەببىمىز ئۆنى ئۇنتۇغانلاردىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە بىزلەنى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

«ئاللاھنى ئۇنۇتقان، شۇ ۋەجىدىن ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنۇتقان ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردىن بولماڭلار. ئەنە شۇلار ھەقىقەت يولدىن چىققانلاردۇر» (سۈرە ھەشىر 19 – ئايەت)

ئەزىز قېرىنداشلار ئاللاھ بىزگە ۋەزىپىمىز ۋە مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى يوللىدى. شۇڭا ئۇلۇغ كىتابىمىزنىڭ يەنە بىر ئىسمى «زىكرى ھەكىم» يەنى ھېكمەتلىك ئەسلەتمىدۇر. ئۇ بىزگە ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەكلىك بولغانلارنى ئەسلىتىدىغان كىتابتۇر. بىزنىڭ يولىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان مەشئەل ۋە يول كۆرسەتكۈچىدۇر. بىز ئۇنى مەھكەم باغرىمىزغا باسساقلا، ئۇنىڭغا قەلب ئىددىيەمىز ۋە ھاياتىمىزنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچساقلا بولدى. 

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە يەنە، «سەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن» دېيىش ئارقىلىق مۆئمىنلەرگە ئەسلەتكۈچى، توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى سۈپىتىدە ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يوللىغان ئىدى. ئۇ بىزگە ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ، توغرا بىلەن خاتانىڭ، ياخشى بىلەن ياماننىڭ  نېمىلىكىنى ئۆگەتتى. بىز پەقەت ئۇنىڭ سۈنەتلىرىگە تۇلۇق ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان نەمۇنىلىرىدىن ئايرىلمىساق، ھاياتىمىزنى ئۇنىڭ رەھمەتكە تولغان سۆزلىرى بىلەن بەرىكەتلەندۈرسەكلا بولدى.

شۇنىڭدەك نامىزىمىز، قۇربانلىقلىرىمىز، ھەججىمىز، زاكاتىمىز، جۈملىدىن بارلىق ئىبادەتلىرىمىزمۇ ھەر دائىم رەببىمىزنى ئەسلەپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن بۇيرۇلغان بولۇپ، بىز پەقەت ئىبادەتلىرىمىزنىڭ بىزنى رەببىمىزگە يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىمىزنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارمىساقلا بولدى.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئاللاھنى ئۇنتۇغان ھالدا ياشىغانلارنى ئاللاھمۇ ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە ئۇنتۇيدۇ. بۇ دۇنيادا ئۆزىگە نانكۆرلۇق قىلغانلارنى ئاللاھ ئاخىرەت كۈنىدە رەھمىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. دۇنيانىڭ قۇلىغا ئايلانغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن باشقا سېغىنىدىغان ھېچقانداق باشپاناھ بولمايدىغان مەھشەر كۈنىدە مۇنداق خىتاب قىلىنىدۇ:

«سىلەر بۇ كۈننىڭ بېشىڭلارغا كېلىدىغانلىقىنى قانداق ئۇنتۇغان بولساڭلار، بىزمۇ بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز. شۈبھىسىزكى، بارىدىغان يېرىڭلار جەھەننەم بولىدۇ. ئۇ يەردە سېلەرگە ياردەم قىلىدىغان ھېچكىشى بولمايدۇ» (سۈرە جاسىيە، 34 – ئايەت)

ئەزىز قېرىنداشلار ئەمىسە كېلىڭلار! بۇ قىسقىغىنە ھاياتىمىزدا رەببىمىزگە، ئائىلىمىزگە ۋە ئەتراپىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ نەزەردىن ساقىت قىلمايلى! يەلكىمىزدىكى ۋەزىپىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئۇيغۇن ھايات كەچۈرۈش ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئەستىن چىقارمايلى! مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ غايىسىنىڭ ئاخىرەت كۈنىگە تەييارلىنىش ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئەسلەپ تۇرايلى! رەببىمىزنىڭ نېمەتلىرىگە قارىتا مىننەتدارلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى بولغان ئىبادەتلىرىمىزنى كەم قىلمايلى! كېچىكتۈرمەيلى! ئاللاھنىڭ ھەر دائىم بىزنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەر بىر ھەرىكىتىمىزنى بىلىدىغانلىقىنى، ھەر بىر سۆزىمىزنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش ئاساسىدىكى ئاڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەيلى! مەڭگۈلۈك بەختىيارلىقنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان بىر ئۆمۈرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايلى!

خۇتبىمزنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە ئۆگەتكەن مۇنۇ دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر ئۇنتۇساق ۋە خاتالىق ئۆتكۈزسەك بىزنى جاۋابكارلىققا تارتمىغىن! (سۈرە بەقەرە، 286 – ئايەت)

پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن، دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە ساخاۋەتلىك خەزىنەڭدىن رەھمەت بەخش ئەتكىن. شۈبھىسىزكى، سەنلا ھەقىقىي بەخىش ئەتكۈچىسەن. (سۈرە ئال ئىمران، 8 – ئايەت)

ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى كەچۈرگىن، بىزدە بار بولغان ئەسكىلىكلەرنى يىراق قىلغىن ھەمدە ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلار قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق قىلغان ۋەدەڭنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن، شەكسىزكى، سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن. (سۈرە ئال ئىمران، 193 – ۋە 194 – ئايەت)

ئامىن!!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر