ئىرقچىلىقنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا باش كۆتۈرۈشى

ئەردال شىمشەكنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ئىرقچىلىقنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا باش كۆتۈرۈشى

ناتسىزىمنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا كىرىشى

خەلقئارادا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن چىققان نەتىجىلەر تولىمۇ نورمال ۋە ئادەتتىكى ئىش، دەپ قارالدى. لېكىن گوللاندىيە، فىرانسىيە ۋە بېلگىيەدىن كېيىن گېرمانىيەدىمۇ ئىرقچى پارتىيەلەر پارلامېنتقا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولۇپ،  پارلامېنتقا ۋەكىل ئەۋەتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ناتسىتلار ياۋروپا پارلامېنتىغا كىرىپ پىكىرلىرىنى بىمالال بايان قىلالايدۇ.

ئەسلىدە پۈتكۈل دۇنيا بۇ ھادىسە ئۈستىدە ئەتراپلىق ئويلىنىپ نۆۋەتتىكى بۇ قېيىن ۋە ئىزتىراپلىق ئەھۋالغا چارە تېپىش كېرەك ئىدى، تولىمۇ ئەپسۇس، غەرب ئەللىرى بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا سۈكۈت قىلىشنى تاللىۋالدى. شۇنىسى ئايدىڭكى، غەرب دۇنياسى قانچىلىك سۈكۈت قىلىشتىن قەتئىينەزەر ناتسىزىمدىن ئىبارەت يىرتقۇچ ئالۋاستى ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ھەققىي ئەپتى –بەشرىسىنى ئاشكارىلايدۇ. ياۋروپانىڭ مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرى، غايىلىرى ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن يىراقلىشىشغا ئەگىشىپ ناتسىزىم ۋە ئىرقچىلىق ھادىسىلىرى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. غەربنى غەرب قىلىۋاتقان مۇنداق ئىككى نەرسە بار بولۇپ، بىرسى دېموكراتىيە يەنە بىرسى ئىنسان ھەقلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىدى. ئەپسۇس، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن غەرب ئەللىرى بۇ قىممەتلىك ئىككى نەرسىدىن قالايمىقان ۋە خالىغانچە پايدىلىنىپ ئەسلىدىكى قىممىتىدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى.

ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ئىككى چېتىدىكى ئادەملەر كۈندىلىك تۇرمۇش، خەلقئارا ۋەزىيەت قاتارلىقلار توغرىسىدا ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتى. شەرقلىقلەر دۇنيادىكى ھادىسىلەردىن ۋاقتىدا خەۋەر تاپقانسېرى دۇنيا توغرۇلۇق مەلۇماتى ئېشىپ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىشكە باشلىدى،شۇنىڭ بىلەن شەرقلىقلەر شەخس، جەمئىيەت، كوللېكتىپ ۋە دۆلەت سۈپىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە بۇ تەلەپلەر غەربنىڭ دېموكراتىيەگە تۇتقان ئىككى بىسلىق مەيدانىنى ۋە پوزىتسىيەسىنى ئاشكارىلاپ قويدى، شەرقتە شەخسلەر ئۆز دۆلىتىدىن تۈرلۈك ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ بۇ تەلەپلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلسا بولىدۇ ۋە مۇشۇنداق قىلىشى كېرەك، لېكىن غەلىتە يېرى شۇكى، شەخسلەرنىڭ شەخسىي ئەركىنلىك تەلەپلىرى ئىجتىمائىي ۋە دۆلەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ھامان غەرب دۇنياسى بىردىنلا 180 گىرادۇس ئۆزگەردى.

غەرب ئەللىرىنىڭ قارشى بويىچە بولغاندا، شەرقلىقلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال تەلىپى غەربنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ چېكىگىچە بولسا بولاتتى. مەسىلەن، ياۋروپادىكى بىر ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ گېرمانىيە ۋە ھىندىستاندىكى زاۋۇتلىرىدا ئوخشاش ئىشنى قىلىدىغان ئىككى ئىشچىسىنى سېلىشتۇرايلى، بۇ شىركەت ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن غەرب سەرمايىسىگە نىسبەتەن ھەممىدىن مۇھىم بولغان نەرسىنىڭ نەپ ئەمەس بەلكى ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە خاتىرجەملىكى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىش ئۇنداق ئەمەس، مەسىلەن، بۇ شىركەتنىڭ گېرمانىيەدە ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىل مودېلى بىلەن ھىندىستان، پاكىستان، جەنۇبىي كورېيە ياكى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرغان ئاپتوموبىل مودېلىنىڭ باھاسى ئوخشاش، بىراق بۇ ئاپتوموبىل مودېلىنى گېرمانىيە بىلەن باشقا جايدا ئىشلەپچىقارغان ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بار. گېرمانىيەدىكى ئىشچى ھەر كۈنى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ دۇنىا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئوزۇقلىنىدىغان بولسا، ھىندىستانلىق ئىشچىنىڭ بىر ئايلىق مائاشى گېرمانىيەلىك ئىشچىنىڭ بىر ھەپتىلىك مائاشىدىنمۇ ئاز بولىدۇ. بۇ زىددىيەتلىك ئەھۋالنى سەرمايىدارغا يەتكۈزگەن چېغىڭىزدا ئۇلار مەغرۇرلانغان ۋە پەرۋاسىز قىياپەتتە سىزگە جاۋاب بېرىدۇ. ئوخشاشلا غەرب ئەللىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر ئاساستا تاشقى مۇناسىۋەت ئورنىتىش تەلىپىگىمۇ سەلبىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ئۇلار جاھانگىرلىك قىلىپ يۈرگەن ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈلغان «غالىبەتچلىك، مەن مەركەزلىك ۋە خوجايىنلىق»مەۋقەسىنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرغۇسى باردەكلا مۇئائىلە قىلىدۇ.  مەسىلەن، سىز شەرقتىكى بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى، سايلامدا خەلقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ ئۇتۇپ چىقتىڭىز ۋە دۆلىتىڭىزنىڭ مەنپەئەتلىرىنى غەرب دۆلەتلىرى ئالدىدا قوغداشقا باشلىغان ۋە ئۇلار بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىڭىزنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ھامان سىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «يامان ئادەم»بولۇشقا باشلايسىز. پارلامېنتىڭىز، تاراتقۇلىرىڭىز، سوتىڭىز، ئالىي مەكتەپلىرىڭىز، خەۋەرلىشىش سىستېمىلىرىڭىز توساقسىز ۋە چەكلمىسىز ھالەتتە تۇرۇپمۇ يەنىلا سىز دېكتاتور بولۇپ قالىسىز.ھەر قېتىملىق سايلامدا ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ چاڭگىلىدىن تولۇق قۇتۇلۇشقا تەلپۈنىدىغان خەلقىڭىز تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشسىڭىزمۇ تېخىمۇ دېكتاتورلىشىپ كەتكەن بولىسىز، سىز خەلقىڭىزدىن %52 ئاۋازغا ئېرىشىپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسىڭىز گۇماندار بولۇپ قالىسىز، لېكىن %31 ئاۋازغا ئېرىشىپ ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بىر ياۋروپالىق سىياسىي رەھبەر دېموكراتىيەنىڭ غالىبچىسى بولىدۇ.

بىر ئاز بۇرۇن قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇچۇر-مەلۇماتلارغا ئېرىشىش جەھەتتە بارلىق توساقلار ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەدىكى  ئادەتتىكى بىر ئادەم بىلەن ھامبۇرگدىكى گېرمانىيەلىك سياسەتچى ئوخشاش مەلۇماتقا بىرلا ۋاقىتتا ئېرىشەلەيدۇ ۋە تۈركىيەدىكى بۇ ئادەتتىكى ئادەممۇ بۇ ئىشنىڭ تېگىنى چۈشىنىپ خاتانى توغرىدىن ئايرىۋالالايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ زادى قاندانلىقىنى گويا «ئىتتىپاقدېشى»بولغان غەربلىكلەردىن سورايدۇ، لېكىن غەربلىكلەر يەنىلا مەغرۇر ۋە پەرۋاسىز ھالەتتە جاۋاب قايتۇرۇشىدۇ. شەرقتە سوئاللار سورىلىپ ئەركىنلىك تەلەپلىرى كۆتۈرۈلگەندە غەربلىك سىياسەتچىلەر مىللەتچىلىك سادالىرىنى كۆتكە كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ.

غەربنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرى سىياسىي مەنپەئەت ۋە ھاكىمىيەت سەۋداسىنى كۆزلەپ ئۇششاق ئىرقچى پارتىيەلەرنىڭ شوئارلىرىغا ئېسىلىۋالىدۇ، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى تۈپتىن زىت بولغان ھەتتا دۈشمەنلىك ۋە نەپرەت ئۇرۇقى تېرىيدىغان سىياسىي شوئارلارغا ئېسىلىۋالغان بۇ پارتىيەلەر چەت ئەللىك ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك  قىلىدىغان «ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار» ئېقىمى «پېدىگا»بىلەن ناتسىزىمنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە زېمىن تەييارلاپ بەردى. ھازىر چوڭ پارتىيەلەرلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ياقلايدىغان سولچىل ۋە ئىجتىمائىي دېموكراتىك پارتىيەلەرمۇ ئىرقچىلىق تۈسى قويۇق بولغان شوئارلارنى كۆككە كۆتۈرمەكتە. چەرەك ئەسىردىن بۇيان غەربتىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ قار توپىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋەتتى ۋە بۇ قار توپى كۈنىمىزدە قار تېغىغا ئايلاندى.

ھازىر گوللاندىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىگە قارايدىغان بولساق، سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ ئىرقچى ۋە فاشىست پارتىيە سەۋەبلىك گوللاندىيەدە ھازىرغىچە ھۆكۈمەت قۇرۇلالمىدى. بېلگىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ گوللاندىيەدىن پەرقلەنمەيدۇ،. ئاۋسترىيەگە قارايدىغان بولساق، بۇ جەھەتتە گېرمانىيە بىلەن بەيگىگە چۈشەندەكلا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. دېموكراتىيە كۈرىشىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلىنىدىغان فىرانسىيەدىمۇ سىياسەتچىلەر ئىرقچىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان شوئارلار ۋە ئىدىيەلەردىن مەدەت كۈتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ياۋروپادا يىللاردىن بۇيان سىياسىي سەھنىدە قايتا-قايتا سادىر بولۇپ كېلىۋاتقان خاتالىقلار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىشىكىنى ئىرقچى ۋە ناتسىت پارلامېنت ئەزالىرىغا ئاخىرقى ئاچتى. ياۋروپا دۇچار بولىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كىرزىس ئۇلغايتقان ئىرقىچىلىق ھادىسىسىدىن سىياسىي نەپ ئېلىش كويىدا يۈرۈۋاتقان چوڭ پارتىيەلەرمۇ ئىرقچىلىق تۈسى بولغان شوئار ۋە ئىدىيەگەلەر يېپىشماقتا.

ئىرقچىلىق ۋە ناتسىزىم جىنايىتى يېڭى دەۋىردە ياۋروپادا بازار تېپىشقا نامزاتتەك تۇرۇۋاتىدۇ. كىشىنى ئەڭ ئېچىندۈرىدىغىنى، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە پۈتۈنلەي ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە پىرىنسپلىرىدىن قەتئىي ئايرىلمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇنىڭدىن كېيىن ناتسىزىم ۋە ئىرقچىلىق ئىدىيەلەردىن سىرت نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك شوئارلىرىمۇ «كۆز-قاراش»سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. مەن ياۋروپالىق زىيالىلارنىڭ بۇ خەتەرنى ئوبدان بىلىدۇ، دەپ قارايمەن.


خەتكۈچ: ناتسىزىم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر