تېررور ئاپىتى

تېررور ئاپىتى ۋە دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرلىرى

تېررور ئاپىتى

تېررور ئاپىتى

تېررورىزىم ئىنسانىيەت تارىخىدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ئىللەتتۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى قابىلنىڭ ئىنىسى ھابىلنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن باشلانغان تېررور تولىمۇ ئەپسۇسكى كۈنىمىزگىچە مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

تۇنجى ئىنسانغا ئوخشاشلا قەدىمىي بولغان تېررورىزىم كۈنىمىزدىمۇ پات-پات ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خاتىمە بەرمەكتە. يالتا ئەھدىنامىسى تۈرتكىسىدە قۇرۇلغان ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىگە 1960-يىللاردىن باشلاپ ئىنسانلار شىددەتلىك بىلەن قارشى چىقىپ كەلمەكتە.1968-يىلدىكى مەشھۇر ياشلار ھەرىكىتى بىلەن ياۋروپا ۋە غەرب دۇنياسىنى قاپلىغان زوراۋانلىق ھادىسىسى قايتىدىن دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

مۇسۇلمانلار دۇنياسى، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىغىلا سولانماقچى بولغان تېررور كۈنىمىزدە كۈچلۈك دۆلەتلەرگىمۇ ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.

تېررورىزىم ئاسىيا، ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكا ۋە مۇسۇلمانلار دىيارلىرىدا ھەتتا باش مىنىستىرلارنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلدى. مەسىلەن، دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى پاترىك لۇمۇنبا، چىلى باش مىنىستىرى سالۋادور ئاللېندې، ئىتالىيە باش مىنىستىرى ئالدو مورو، لىۋىيە باش مىنىستىرى سەيىد ھارىرى قاتارلىق شەخسلەر تېررورىزىمنىڭ قۇربىغا ئايلاندى.

كۈنىمىزدىكى ئەڭ خەتەرلىك  خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان ۋە كاتتىبېشى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلانىيا ئىشتاتىدا ياشاۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى 2016-يىلى 15-ئىيۇلدا تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىسىگە سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇندى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا تېررورچىلار 16- F تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تىكئۇچارلار، تانكىلار ۋە زەمىبرەكلەر بىلەن بۇلتۇر 15-ئىيۇل كېچىسى خەلقنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ جۇمھۇر رەئىسى بولغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تۇتقۇن قىلىپ قەتل قىلىشقا ئۇرۇنۇشتى. تۈرك خەلقى بۇ تېررورچىلارنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىغا قارىماي، يۈزلەچەر شېھىت ۋە مىڭلارچە غازى بېرىش ئارقىلىق بەدەنلىرىنى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانغا قالقان قىلدى ۋە ئۆلۈمگە پىسەنتمۇ قىلماي جۇمھۇر رەئىسىنى گېنېرال ۋە ئوفېستىرلارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغان تېررورچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرمىدى. تۈركىيە مۇشۇنداق خەتەرلىك بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇزۇنغىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالدى.لېكىن ئەنگلىيە بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن كېيىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەربىي فورما كىيىۋالغان تېررورچىلارنىڭ قەتلىئام ۋە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن يېگانە دۆلەت ئەنگلىيە بولدى.

غەلىتە بولغان شۇكى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تىكئۇچارلار ۋە تانكىلار بىلەن تۈرك خەلقىنى قەتل قىلغان كېچىدە ئامېرىكىلىق گېنېرال مايك فىلايىننىڭ ھەربىي فورما كىيىۋالغان بۇ تېرروررچىلارغا سالام بېرىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. ھەتتا ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ تۈرك خەلقىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورچىلارنى مەغلۇپ قىلىشىغا ھەيران قالغانىدى. 

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تەشكىلاتنىڭ ئەڭ سادىق ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولغان تۈركىيەدىكى بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئاران ئىنكاس قايتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى قەتل قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن يىللار ئىلگىرى، تېررورىزىمغا ئوچوقتىن ئوچۇق قارشى چىقىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى تېررورىزىمغا قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىپ كېلىۋاتاتتى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، تۈركىيەمۇ سپىدە بولغان غەرب دۇنياسى بولۇپ نۇرغۇن كۈچلۈك دۆلەت ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلدى،كىشىنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى بولسا تۈركىيەدە مىڭلارچە گېنېرال، ئوفېستىر، ساقچى، ئەسكەر قەتل قىلغان تېررورچىلار  تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقدېشى بولغان غەرب دۆلەتلىرىدىن پاناھلىق تىلەشتى. تۈرك ئەسكەرلىرىنى، ساقچىلىرىنى، خەلقىنى ئۆلتۈرگەن بۇ تېررورچىلار ناتو ئەزالىرى دۆلەتلەردە بىمالال ۋە خاتىرجەم ياشىماقتا. بېرلىن قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولغان دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە قولى قانغا مىنەلگەن تېررورچىلار خاتىرجەم كېزىپ يۈرمەكتە، ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەر نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بىر قىسىم تېررورچىلارغا دىپلوماتىك پاسپورت تارقىتىپ بەرگەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەرلەر تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە خاتىرجەم ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى بېشىغا بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. لېكىن ياۋروپادىكى سىياسىي كۈچلەر كارى بولماي كېلىۋاتقان تېررور ئاپىتى ياۋروپا خەلقىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

ئەپسۇسكى تېخى يېقىندىلا پارىژ، بېرلىن، بىريۇسسېل، لوندون قاتارلىق شەھەرلەر تېررور ئاپىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى، نۆۋەتتە ياۋروپالىقلار نۆۋەت قايسى شەھەرگە كەلگەندۇ، دېگەن ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا، بۇ ئەندىشە ياۋروپالىقلارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن بەكرەك ھېسسيات بىلەن ھەرىكەت قىلىشىغا سەۋەب بولماقتا. مەسىلەن، تېخى يېقىندا ئىتالىيەنىڭ تورىنو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۇيۇقسىز تارقالغان بومبا خەۋىرى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن جىددىيچىلىكتە 1500دىن ئارتۇق كىشى دەسسىلىپ يارىلاندى.

تېررورىزىمنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ياۋروپا تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى ئەيىبلمەكتە. مەسىلەن، 350 ئامېرىكىلىقنى قەتل قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم بىر كاتتىبېشى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكا قىتئەلىرىنىڭ بىرىسىدە ياشىغان بولسا ئىدى، ئەجەبا ئامېرىكا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان بولاتتى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئوخشاش جىنايەت سادىر قىلغان بىر تېررورچى نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشىماقتا ياكى بېلگىيە بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق بىر كارخانچىنى قەتل قىلغان بىر قاتىل ئافرىقىغا قاچقان بولسا ئىدى، بۇ دۆلەت غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بولمامتى؟ تۈركىيە بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق بىر كارخانىچىنى قەتل قىلغان تېررورچى 20يىلدىن بۇيان بېلگىيەدە ياشىماقتا.

ئامېرىكا كونتروللۇقىدىكى خەلقئارا  خەۋپسىزلىك ياردەم قىسمى ئافغانىستان ئۇسامە بىن لادىنننى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ دۆلەتكە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىمىدىمۇ؟

ئۇنداقتا مىڭلارچە تۈرك پۇقراسىنى قەتل قىلغان تېرررورچىلار ھازىر بېرلىندا ياشاۋاتقان بولسا بۇنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟

قاچان «مېنىڭ تېررورچىم ياخشى، سېنىڭ ناچار»دېگەن ئىدىيەدىن ۋاز كەچكەندە ئاندىن تېررور ئاپىتىنى يوق قىلالايمىز. بولمىسا پۈتكۈل دۇنيا بۇ ئاپەتنىڭ ئىزتىراپىدا ياشاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر