ترامپ ئاقسارايدا ئىپتار زىياپىتى بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاقسارايدا ئىپتار زىياپىتى بەردى.

ترامپ ئاقسارايدا ئىپتار زىياپىتى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقسارايدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىپتار زىياپىتى ھارپىسىدا قىلغان سۆزىدە، رامىزان ئېيىنىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان ئىنتايىن قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىنى شاد – خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئەھمىيەتلىك بىر كۈندە ئاقسارايدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە ساھىبخانىلىق قىلىش ماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن شەرەپلىك ئىشتۇر.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن جورج بۇش، بىل كلىنتون ۋە باراك ئوباما دەۋىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2016 – يىلغىچە تەخمىنەن 20 يىل جەريانىدا ئاقسارايدا ئەنئەنىۋى ئىپتار زىياپەتلىرى بېرىلەتتى.

دونالد ترامپ  ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى ئايلاردا مۇسۇلمانلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلىرى بىلەن ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق نارازىلىققا دۇچ كەلگەنىدى.

2017 – يىلى 20 – يانۋار كۈنى ئاقسارايدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ۋە تۇنجى يىل ئىپتار زىياپىتى بەرگەن ترامپ، پىرېزىدېنت سۈپىتىدە تۇنجى ئىپتار زىياپىتىنى بۇلتۇر بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر