ئىدلىبتە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ھەربىي ئۆكتىچىلەر بىلەن ھەيئەتى تەھرىر شام توپ ئېتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.

ئىدلىبتە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە قوللىغۇچى چەت ئەللىك تېررورچى گۇرۇپپىلار ئىدلىبتىكى يېرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە پىسەنت قىلماستىن رايوننى توپقا تۇتتى. بۇ جەرياندا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. 

ئىشەنچىلىك مەنبەلەر، تۇقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان جايلارنىڭ ھاماغا قاراشلىق لاتامنە ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە رايونى، ھەلەبكە قاراشلىق راشىدىن ۋە كەفەر ھەمراھ رايونى، ئىدلىبكە قاراشلىق تەل مەراق ۋە لازىقىيەگە قاراشلىق كۇرت تېغى رايونى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

17سىنتەبىردە رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن شۇنداقلا ئىدلىبتە قورالسىزلاشتۇۇرلغان بىر رايون قۇرۇپ چىقىش كېلىشىمىدىن ئىلگىرىكى چاغقا سېلىشتۇرغاندا، ئانچە قويۇق بولمىغان ھالدا ھازىرمۇ ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە بىر پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 6 پۇقرانىڭ يارىدار بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

رايوندا ھاكىم ئورۇندا تۇرىدىغان ھەربىي ئۆكتىچىلەر بىلەن ھەيئەتى تەھرىر شام ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا توپ ئېتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر