ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك قارارنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تەيۋەنگە 330 مىليون دوللار قىممىتىدە ھەربىي ئەسلىھە سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك قارارنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى - پېنتاگون بايانات بېرىپ، تەيۋەنگە F-16 ۋە باشقا ھەربىي ئايروپىلانلارغا كېرەكلىك 300 مىليون دوللار قىممىتىدىكى سايمانلارنى سېتىپ بېرىشنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا، سېتىشنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقلارغا دەخلىي قىلماستىن، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئامېرىكا پالاتاسى 1 – ئاۋغۇستتا قوبۇل قىلغان 2019 مالىيە يىلى مىللىي مۇداپىئە سالاھىيەت قانۇنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەن  بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى، ھەربىي ۋە مەمۇرىي يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىلەرنىڭ كۈچەيتىلىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، «بىر خىتاي» سىياسىتىگە ئاساسەن، 1979 – يىلى تەيۋەننىڭ ئورنىغا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى «خىتاينىڭ قانۇننىڭ ۋەكىلى» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى غەيرىي رەسىمىي يۇسۇندا داۋاملاشتۇرماقتا. ئارالنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ھەر يىلى ئۇنىڭغا مىلياردلارچە دوللار قىممىتىدە قورال سېتىپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر