ئاقار يولتۇز ۋە كۆك تېشىنىڭ دۇنياغا سوقۇلۇپ كېتىشىگە قارشى ھېچقانداق تەدبىر يوق

مۇتەخەسسىسلەر كۈتۈلمىگەن ئاقار يۇلتۇزلارغا مۇداخىلە قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئاقار يولتۇز ۋە كۆك تېشىنىڭ دۇنياغا سوقۇلۇپ كېتىشىگە قارشى ھېچقانداق تەدبىر يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالەم تەتقىقاتچىلىرى كۆلىمى 110 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغا بىر ئاقار يۇلتۇزنى دۇنياغا سۈركۈلۈپ ئۆتۈشتىن بارقانچە سائەت ئىلگىرى ئاران بايقىيالىدى.

«2018 GE3» دەپ نام بېرىلگەن ئاقار يۇلتۇز يۈر يۈزىگە 120 ئىنگىلىز مىلى (يەنى 193 كېلومېتىر) يېقىندىن ئۆتۈپ ئالەم بوشلۇقىدىكى يولىنى داۋالاشتۇردى.

كائىناتنىڭ چوڭلۇقىنى نەزەردە تۇتقاندا، «2018 GE3» ئاقار يۇلتۇزىنىڭ دۇنياغا بۇنداق يېقىندىن ئۆتۈشى تولىمۇ خەتەرلىك دەپ قارالماقتا.

دۇنياغا ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم مۇشۇ چوڭلۇقتىكى بىر ئاقار يولتۇز 1930يىلى يەنە شۇنچىلىك مۇساپىدىن يېقىنلاپ ئۆتكەن ئىدى.

ئەگەر ئاقار يۇلتۇز ھەر قانداق بىر ئولتۇراق رايونغا چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا، چوڭ ئاپەتنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ئېنىق.

بىراق مۇتەخەسسىسلەر دۇنياغا ئاقا يولتۇز ۋە كۆك تېشى سوقۇلۇپ كېتىشىگە قارشى ھېچ قانداق تەييارلىقلىرى يوقلۇقىنى، ھەتتا كۈتۈلمىگەن ئاقار يۇلتۇزلارغا مۇداخىلە قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقى بىلدۈرمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر