رۇسىيە خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دۇماغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە، سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سۈرىيەگە بارغان خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ھەيئىتىنىڭ ئەتە (چارشەنبە كۈنى) دۇماغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ دۇماغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ھەيئىتى شەنبە كۈنى سۈرىيەگە يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە دۇما بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانىدى.

سۈرىيە بىلەن رۇسىيە رايوندا ھەرقانداق بىر خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى، رۇسىيەنىڭ بۇ جەرياندا پاكىتلارغا مۇداخىلە قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى. بۇ جەرياندا، ب ب س قانىلىنىڭ «Hardtalk» پىرگراممىسىغا چىققان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ،  «رۇسىيەنىڭ پاكىتلارغا مۇداخىلە قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىمەن» دېدى.

خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى خادىملىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، رايوندىن خىمىيەلىك قورال قالدۇقلىرىنىڭ تېپىلىپ – تېپىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.

7 – ئاپرېلدا شەرقىي غۇتەنىڭ دۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا 78 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر