G7 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

دۇنيادىكى بازار ئىگىلىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان G7 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنى ئەيىبلىدى.

G7 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: G7دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئەنگلىيەنىڭ سالىسبۇرى شەھىرىدە 4-مارت يۈز بەرگەن رۇسىيەنىڭ سابىق جاسۇسى سېرگېي سكرىپال ۋە ئۇنىڭ قىزى يۇلىيانى زەھەلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى G7 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ھۇجۇمىغا رۇسىيەنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەكلىكى كۈچلۈك تەكىتلەنگەن يوللۇق تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكىنى ئەيىبلەيمىز. رۇسىيەنى سالىسبۇرگدىكى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق سوئاللارغا دەرھال جاۋاب بېرىشكە چاقىرىمىز.»

باياناتتا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادىكى تۇنجى نېرۋىنى زەھەرلەش گازىنى ئىشلىتىش ۋەقەسىنىڭ، بۇ ھۇجۇمدا كۆرۈلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش، خەلقئارالىق قانۇنغا ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق قىلىش بولۇپ، ھەممە كىشىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«G7 دۆلەت قائىدە-پىرىنسىپلارغا تايانغان خەلقئارالىق تەرتىپنى قوغداشنى ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى ۋەدە قىلىدۇ. ئەندىشەلىرىمىز-دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك تەرتىپلەرگە ئارىلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇندىن بۇرۇن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇقىمسىزلاشتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە رۇس پوزىتسىيە مودېلىنىڭ ئارقا پىلانىغا قارشى يۈكسېلىۋاتقانلىقىدۇر. رۇسىيەنى خىمىيەلىك قورال كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى خەلقئارالىق تىنچلىق ھەمدە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز. G7 -دۆلەت سىبەر بىخەتەرلىكى، ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە ۋە ئىستىخبارات ساھەلىرى قاتارلىق مۇرەككەپ تەھدىتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارىنى ئىزچىل كۈچلەندۈرىدۇ. رۇسىيەنىڭ دۈشمەنلىككە تولغان ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىكىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىلىنغان مىللىي پائالىيەتلەرنى مەمنۇنلۇق بىلەن قىزغىن قارشى ئالىمىز.»   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر