بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يېڭى ھۇجۇم باشلىدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ سۈرىيەدە ھۇمۇس ۋىلايىتىنىڭ ئەتراپلىرىدا قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارغا ھۇجۇم باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يېڭى ھۇجۇم باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھۇمۇس ۋىلايىتى ئەتراپىدا قورشاۋ ئاستىغا ئالغان رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى.

ھۇجۇمدا ھازىرغىچە ئالتە نۇقتا قولغا چۈشۈرۈلدى. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى پايتەخت دەمەشىقتە شەرقىي غۇتەنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقان ھۇمۇستا قورشاۋ ئاستىدىكى رايونلارغا يۈزلەندى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ھۇمۇستىكى مۇخبىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد قىسىملىرى يېقىنقى ئۈچ كۈندە ۋادى خۇببىيە قاتارلىق ئالتە يېزىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، ھۇمۇس ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى بەزى ناھىيە ۋە ئاھالىلەر رايونىنى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن بومباردىمان قىلغان.

يەرلىك مەنبەلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەقسەتنىڭ، ھەلەبنى ھۇمۇسنىڭ شىمالىغا تۇتاشتۇرىدىغان سالامىيە يولىنىڭ كونتروللۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەن. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى مەزكۇر يول ئارقىلىق ھەربىي قورال-ياراغ توپلاپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى 592 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاينى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

بەش يىلدىن بۇيان ھۇمۇس ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدا 250-200 مىڭ كىشى قورشاۋ ئاستىدا ياشىماقتا ئىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي غۇتە رايونىنى بەش يىللىق قورشاۋ ۋە قاتتىق ھۇجۇم قىلىشتىن كېيىن قولغا كىرگۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر