ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى سۈركىلىشى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ | سۆھبەت

دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرىيەنىڭ دۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن كېيىن جىددىيلىشىپ كەتكەن ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى» گە دائىر «كەڭ نۇقتىئىينەزەر» ناملىق سۆھبىتىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى سۈركىلىشى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ | سۆھبەت

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى سۈركىلىشى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟ | سۆھبەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى! ياخشىمۇ سىلەر؟ بۈگۈن 2018 - يىلى 12 – ئاپرېل پەيشەنبە. ھەرھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغان ‹كەڭ نۇقتىئىينەزەر› ناملىق بۇ پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەينى ۋاقىتتا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە يىراق شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرىيەنىڭ دۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدىن كېيىن جىددىيلىشىپ كەتكەن ئامېرىكا – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى» گە دائىر سۆھبىتىمىزنى ئاڭلايسىلەر!

بۇنىڭدا... تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا سۈرىيەدىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ترامپ ئامېرىكىسىنىڭ يىڭىنى قايتىدىن قولتۇقىغىچە تۈرۈشى نېمىنىڭ بىشارىتى؟  موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون سۈرىيەدە روبىرو ھالەتكە كېلەمدۇ؟ دۇنيا سادىر بولغانلىقىنى، رۇسىيە يالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان دۇمادىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى ئەسەد رەھىمسىزلىكىنىڭ بىر ھالقىسىنى شەكىللەندۈرەمدۇ ياكى چوڭ كۈچلەرنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەييارلىغان بىر مەيدان ئويۇنىنىڭ بىر پارچىسىمۇ؟ ئامېرىكا سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلسا، قايسى شەكىلدە قىلىش ئىھتىماللىقى بار؟ يەنى قۇرۇقلۇقتىنمۇ، ھاۋادىنمۇ، دېڭىزدىنمۇ ۋەياكى ھەممىسىنى تەڭ ئىشقا سالامدۇ؟ بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت رايوننىڭ كېلەچىكىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ قالسا، ئامېرىكا ۋە ناتو تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلامدۇ؟ تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە – ئامېرىكا سۈركىلىشىدە تەرەپ تۇتۇش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟  دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلىشىمىز...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر