ترامپ دائېش توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ راققەنىڭ دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ دائېش توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدىكى دېموكراتىيەنى ياقلىغۇچى كۈچلەر بىلەن دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ راققەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ترامپ بۇ ھەقتە يازما بېرىپ راققەنىڭ دائېشتىن پۈتۈنلەي تازىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

راققەنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشنىڭ دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە «بۇرۇلۇش نۇقتىسى»ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «پات يېقىندا سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن يەرلىك كۈچلەرنى قوللايمىز ۋە سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا خاتىمە بېرىمىز. زوراۋنلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بولغان دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىمىز ۋە سۈرىيە خەلقىنىڭ تىراگېدىيەسىگە خاتىمە بېرىدىغان سىياسىي ۋەزىيەت بەرپا قىلىمىز.»

دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇرۇنقى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا ئامېرىكا خەلقىگە دائېشنى «يوق قىلىدىغانلىقى»توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ قىلغان ئىشىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر