سومالىدا يەنە بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

سومالىنىڭ شابېللې ئۆلكىسىدە بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بەردى.

سومالىدا يەنە بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ شابېللې ئۆلكىسىدە يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 6 ئادەم ئۆلدى.

شابېللې ۋىلايىتى ساقچى باشقارمىسى باشلىقى ئەلى نۇر ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا شابېللې ۋە تۆۋەن شابېللې ئوتتۇرىسىدىكى يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ يولۇچىلار ئاپتۇبۇس ئۆتكەن ۋاقىتتا پارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارتلاشتا 6يولۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان ئەلى نۇر ئۆلگەنلەر ئىچىدە 2سىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەلى نۇر ھۇجۇمنىڭ كەينىدە ئەش-شەباب تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا ئۆتكەن شەنبە كۈنى بومبىلىق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ 300دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ ، ئەڭ ئاز 200 ئادەم يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ: سومالى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر