ئامېرىكا نىگېردا ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەرلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، نىگېرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ۋە نېگىر ئەسكەرلىرىنى پىستىرمىغا چۈشۈرگەنلەرنىڭ دائېش ئەزاسى تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا نىگېردا ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەرلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگوننىڭ ئافرىقا ئىشلىرى بۆلۈمى باياناتچىسى مىڭ بېشى مايكېل بالدانزا، 6 – ئۆكتەبىردىكى ئامېرىكىنىڭ 4 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمنىڭ دائېش تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھۇجۇمنىڭ دائېش تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرىمەن، بىراق تەكشۈرۈش باسقۇچىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىيالمايمەن» دېدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايدىغان بىر مۇداپىئە ئەمەلدارى، ھۇجۇمنىڭ 15 تېررورچى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانلىقى، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ نىگېر بىلەن مالى چېگراسىغا يېقىن بىر رايوندا قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قايتىشىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئامېرىكىنىڭ 3، نىگېرنىڭ 4 ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ئارقىدىن ھۇجۇم ئەسناسىدا يوقاپ كەتكەن بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر