ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى ترامپقا رەھمەت ئېيتتى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپغا رەھمەت ئېيتتى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى ترامپقا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانالىرىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان ھەپتىلىك «خەلققە خىتاب قىلىش» پىروگراممىسىدا، ئۆزىنى ھەمىشە تەنقىد قىلىدىغان ترامپقا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ بۇ ئارقىلىق مېنى دۇنيادا مەشھۇر شەخسكە ئايلاندۇردى. ئۇ قاچانلا مەن توغرۇلۇق سۆز ئاچسا، دۇنيا خەلقى مېنى تېخىمۇ كۆپ ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ مېنى ھەمىشە تەنقىد قىلغىنىدىن قارىغاندا، مەن توغرا يولدا ئىكەنمەن. ئامېرىكا ئىمپېرىيەسى  رەھبىرىنىڭ ھەر كۈنى مەن توغرۇلۇق سۆز ئېچىشىدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇ دائىم دېگۈدەك مېنى ۋە سوتسىيالىست پارتىيەنى تەنقىد قىلىدۇ. ئۇ گويا ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىپ قالدى.»

ترامپ مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتور ئىكەنلىكىنى ۋە ۋېنېزۇئېلادىكى دېموكراتىيەنى باستۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

مادۇرو بولسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق ۋېنېزۇئېلادا ھۆكۈمەت ئالماشتۇرۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر